ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-14يانۋار)
2005.01.14
ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇر مۇھەممەد ياسىن قولغا ئېلىندى
ئۆتكەن ھەپتىدە ياش ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇر مۇھەممەد ياسىن (ئۆركىشى) نىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى. ئۇ ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يازغۇچى نۇر مۇھەممەد ياسىن "قەشقەر ئەدەبىياتى" جۇرنىلىدا ئېلان قىلغان "كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى نۇر مۇھەممەد ياسىننى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بۆلگۈنچىلىك پىكىرلىرىنى تەرغىپ قىلغان دېگەندەك ئاتالمىش "جىنايەت" بىلەن ئەيىبلىگەن. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىق بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىدى.
نۇرمۇھەممەد ياسىن 1974-يىلى مارالبېشى ناھىيىسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭ "ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟"، " تۇنجى مۇھەببەت"، " يۈرەك يىغلايدۇ" قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان شۇنداقلا يەنە 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بىر قانچە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
نۇرمۇھەممەد ياسىننىڭ "كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى "قەشقەر ئەدەبىياتى" جۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىر قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ سانى ھەممىلا جايدا يىغىۋېلىنماقتا ئىكەن.
ۋاڭ لېچۇەن يەنە"تېرورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى" تەشەببۇس قىلدى
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا تېرورچىلىققا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلغان.
ۋاڭ لېچۇەن يېقىندىن بۇيان ئېچىلغان بىر قانچە قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن "ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" شۇئارى ئارقىلىق سىياسىي ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى كۆتىرىپ چىقىپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا بولغان بېسىم ۋە كونتروللۇقنى ئاشرۇماقتا.
ئامېرىكا تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە فىلىم كۆرسەتتى
ئامېرىكا PBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس بىر پروگراممىنى كۆرسەتكەن. مەزكۇر پروگرامما مۇخبىر سىرىن فاڭنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا قىلغان سەپىرى جەريانىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان بولۇپ، مۇخبىر سىرىن فاڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى بىلەن مېھمانخانىغا كۆرۈشكىلى كەلگەندە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، تاكى ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىغانلىقى ھەققىدە يىغلاپ تۇرۇپ بايان قىلغان.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋىزىسىغا ئېرىشتى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە بېرىش مەقسىتىدە پاكىستانغا كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەج-تاۋاپ قىلىش ئىدىيىسىدىن ۋاز كەچمىگەن. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچى خانىسى ئاخىرى بۇ 1200 نەپەر ئۇيغۇرغا ۋىزا بېرىپ،ئۇلار سەئۇدىغا يېتىپ كەلگەن.
ھىندونېزىيە چەتئەل قوشۇنلىرى ۋە جۇرنالىستلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى
ھىندونېزىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ياردەم ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان چەتئەل قىسىملىرى ۋە جۇرنالىستلىرىنىڭ 3 –ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاچې رايونىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، مالايسىيا ۋە سىنگاپور ئۆز قوشۇنلىرىنى ئاچې رايونىغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ھەربىي قىسىملار ئاھالىلەرنى قۇتقۇزۇش جەھەتلەردە زور ياردەملەرنى كۆرسەتمەكتە. لېكىن، ھىندونېزىيىنىڭ ئاچې رايونىدا مۇستەقىلچى كۈچلەر مەۋجۇت بولۇپ، يېڭى بىر خەۋەرگە قارىغاندا ئاچې قوزغىلاڭچىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ۋە ئۇرۇش قىلماسلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
60٪ ئامېرىكىلىق خىتاينى تەھدىد دەپ قارايدۇ
ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر قېتىملىق ئاممىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە؛ گەرچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن, ٪ 60 ئامېرىكىلىق خىتاينى يەنىلا يوشۇرۇن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىد دەپ قارايدىكەن. ٪ 70 ئامېرىكىلىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش-كىرمەسلىكىگە باغلاش كېرەك دەپ قارايدىكەن. يەنە ٪ 60 كىشى بولسا، ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسىتىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ۋە خىتاينىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
خىتاي تيەنئەنمېندىكى ھۇشيارلىقلىرىنى ئۆستۈردى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىغا مىڭ نەپەر ساقچى خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ جايدا بىرەر نامايىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى تەدبىرنى چارشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويغان بولۇپ، ھازىر جەمىيەتتە 1989-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان جاۋ زىياڭنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھاكىمىيەتكە تەييارلىماقتا
يېقىندا، قىرغىزىستان پرىزدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ قىزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمزا توپلىشى ئارقىلىق يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۆۋەتتە، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئەۋجى ئالغان بولۇپ، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ بۇ يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆز ئورىنىنى بوشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستاندىكى بۇ ئىككى سايلام خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 1-7- يانۋار)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 25-31- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 11-17- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 4- 10دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 27 - نويابىردىن 3- دېكابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20- 26 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13- 19 - نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (6-12 نويابىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30 - ئۆكتەبىردىن 5- نويابىرغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-29 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-22 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-8 ئۆكتەبىر)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (25-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 18-24 سېنتەبىر)