ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-فېبرال - 4-مارت)
2005.03.04
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرىزدېنتى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۇركەل ئامېرىكا كارخانىچىلار ئىنىستىتۇتىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات بېرىش مۇراسىمى ھەم زىياپىتىگە قاتنىشىپ، مەزكۇر مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرىزدېنتى دېچك چېينى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە سۆھبەتلەشكەن. نۇرى تۈركەل مۇئاۋىن پرېزىدېنت دېچك چېينى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئېغىر سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي شۇنىڭدەك مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە بايان قىلغان. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان بىر قاتار مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
28- فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ يىلدا بىر قېتىم چىقىرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ،2005-يىللىق بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ "بۆلگۈنچى" لىك جىنايىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى جازالىغانلىقى ھەمدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقى جۈملىدىن ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا يەنە ئۆتكەن يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 50 ئۇيغۇرغا بۆلگۈنچى دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە يەنە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن شىر ئەلى ۋەقەسى قايتا تىلغا ئېلىنغان.
بۇ دوكلاتتا يەنە رابىيە قادىر مەسىلىسى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشتىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەم مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش شۇنىڭدەك نوپۇس ۋە ھەقسىز ئەمگەك قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ كىشىلەرنى جازالىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسۇل ياردەمچى مىنىستىرى مايكىل كوزاك مۇنداق دېگەن.
" ھەممىڭلارغا مەلۇم ، بىزنىڭ خىتاي بىلەن سودا ۋە باشقا كەڭ دائىرىدە ئالاقىمىز بار.ئەمما بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە توسالغۇ بولۇۋاتقان نەرسە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى"
خىتاي ئامېرىكىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى
ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى خىتاينى نارازى قىلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ 2004-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇزۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغان، بىراق، ئۇلار تىلغا ئالغان ئىراق ئەسىرلىرىنىڭ خورلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە پىرىزدېنت بۇشىنىڭ خورلانغانلاردىن ئەپۇ سورىغانلىقى ھەمدە جىنايەت سادىر قىلغانلارنى جازىلىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خىتاي ئۆز دوكلاتىدا ئادەتتىكى جىنايى ئىشلارنىمۇ كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پاكىت تېپىشقا تىرىشقان.
خىتاي مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە يەنى 28-فېۋرال كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىمۇ "جۇڭگودىكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە" دەپ ئاتالغان تۇنجى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ھەر ساھە بويىچە زور مۇۋەپپەقەيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئۆز خەلقىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى دەۋا قىلغان ئۇيغۇرلارنى ، تىبەتلەرنى ۋە باشقىلارنى بولسا بۆلگۈنچىلەر دەپ ئەيىبلىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىدىنلا تەكىتلىنىپ كەلگەن ھەم قېلىپلاشقان تەبىرلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى بىلەن پۈتۈلگەن مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابقا نىسبەتەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى بىلدۈرمەكتە. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قارىشىنى بىلدۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئىستىقلال گېزىتى رەسمى تارقىتىلدى
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاپتونومىيە ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتابنى تەييارلاپ ئېلان قىلغان بۇ كۈنلەردە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باشلىقى، جۇرنالىست مەمەت ئىمىن باتۇر تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان "ئىستىقلال "گېزىتى تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ، رەسمى تۈردە تارقىتىلىشقا باشلىغان.
ۋاڭ لېچۇەن "ئۇچ خىل كۈچكە"داۋاملىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن دۈشەنبە كۈنى كوم پارتىيە ئەزالىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنى داۋاملىق تۈردە "ئۈچ خىل كۈچ" كە قاتتىق زەربە بېرىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ "بىز مۇقىملىق چوقۇم ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن ئىدىيىدىن تەۋرەنمەي، بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە دىنىي رادىكاللاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرگە قەتىي بوشاشماستىن زەربە بېرىشىمىز كېرەك" دېدى.
ئۇ بۇ سۆزىنى "مىللىي بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى دوكلات قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن.
خىتاي ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنى چارلىماقتا
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئىلگىرى چارلاش ساقچىلىرى ساقچى توقمىقى ۋە ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ يۈرگەن بولسا، بۇ يىلدىن ئېتىبارەن تاپانچا ۋە ئاپتوماتلارنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن مۇداپىئە ۋە چارلاش خىزمەتلىرى بويىچە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر قانچە يۈز ساقچىنىڭ تولۇق قوراللانغان ھالدا شەھەرنى چارلىشىمۇ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىلگەن.
قەشقەر "غەربتىكى شېنجېن "بولماقچى
ئۈرۈمچىدە ئاپتوماتلىق ساقچىلارنى چارلاش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى"غەربتىكى شېنجېن" قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە قەشقەردە "قەشقەر ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەركىسى" ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بولۇپ، قەشقەر شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى زوڭ جيان 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ پىلانلىرىنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەزكۇر رايونىنىڭ نوپۇس ۋە مىللىي تەركىبىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ جايدىكى كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنىمۇ مۇھىم دىققەت نەزەرگە قويغان.
خەلقارا خەۋەرلەر
; ; ♦ ; سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرىزدېنتى بۇش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى بىرلىكتە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇردى.شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشكە قوشۇلىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
; ; ♦ ; تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقارالىق بىئولوگىيىلىك ۋە خېمىيىلىك قوراللار تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئۆتكەن ھەپتىدە خەلقارالىق ساقچى تەشكىلاتىنىڭ فرانسىيىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا 155 دۆلەتتىن كەلگەن 400 نەپەر مۇتەخەسسىس ۋە ساقچى ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.
; ; ♦ ; بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي مەملىكەت سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىدا تەيۋەن مەسىلىسى، بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن شۇنىڭدەك ھەربىي خام چوت قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىم خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ 12 ٪ ئاشۇرىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەربىيلەرنىڭ پاراۋانلىق ،تەمىنلىنىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقى كۆرىسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا نىسبەتەن خەلقارا جەمىيەتنىڭ تۈرلۈك تەنقىدىي ئىنكاسلىرى پەيدا بولماقتا. (ئۈمىدۋار)