ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە)
2005.06.03
ئابدۇللا تالىپ ۋە ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ئابدۇللا تالىپ بىلەن دىنىي ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى ھەبىبۇللاخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولدى
ئابدۇللا تالىپ ئەپەندى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى كېيىن "قاينام ئۆركىشى"، "چالا تەككەن ئوق"، "ئىگەرسىز ئات" قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ۋە پاجىئەلىك تەقدىرىگە بېغىشلانغان. ئەدىب بۇ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى قەھرىمانلارنىڭ روھىدىن ئۈلگە ئېلىش بىلەن تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ئۈندەيدۇ. ئۇ يەنە، پېداگوك بولۇش سۈپىتى بىلەن "ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى" ناملىق ئەسەر يازغان ئىدى. ئابدۇللا تالىپ ئەپەندى 27-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
دىنىي ئالىم ھەبىبۇللاخان مەخسۇم 28-ماي كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە ۋاپات بولغان .ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىلىرىنىڭ ئېشىشى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىمانىنىڭ كۈچلىنىشى شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى يولىدا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان ئىدى.
ئالتايدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى
ئۆتكەن چارشەنبە يەنى 1-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا بۇرچىن ناھىيىسىگە قىيان كەلگەنلىكتىن تاغلىق رايونلاردىكى 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆز ماكانلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئالتاي تەۋەسىدە قاتناش، ئۇچۇر –ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان. ئاپەت يۈز بەرگەن جايدىكى بىر قازاق كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، كەلكۈن ئاپىتى تۈپەيلىدىن، چارۋىچىلار قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولسىمۇ، تېخى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ياردەم كەلمىگەن.
خۇ جىنتاۋ: جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مىللىي توقۇنۇشنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى
31-ماي كۈنى بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيىسى مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ مەخسۇس سۆز قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتى ۋە سىياسىتى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ ئۇيغۇر، تىبەت مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىنى ئەيىبلەپ بۆلگۈنچىلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ يىغىندا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئۆرپ-ئادەت ھەم مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىق ھەققىدە توختالغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايون دېگەن نەرسىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى ، ئەشۇ مىللەتنىڭ ھوقۇقلىرىنى قولىغا بېرىشى كېرەكلىكىنى. خىتاينىڭ بۇنداق قۇرۇق سىياسەتلىرىنىڭ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان تەكرارلىنىپ، ئۇنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرىستاندا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
شۋېتسىيىدە ئۇيغۇر مۇزىكىسى ياڭرىدى
28-ماي كۈنى شۋېتسىيىنىڭ سۇمىلەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق مۇزىكا مەكتەپلىرىنىڭ يازلىق تەتىل ئالدىدىكى سەنئەت پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن . ئاندېرسون مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدن تەشكىللەنگەن دۇنيا مۇزىكا ئەترىتى ئۇيغۇر مۇزىكانتى كۈرەش كۈسەننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان.
رۇسىيە-خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋلادىۋوستوكتا
6-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى ۋلادىۋوستوكتا تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەت ئۈچۈن ئورتاق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا مەزكۇر ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى تېررورىزىمقا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە ھەمدە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىتتىپاق شەكلىگە كېلىشى مۈمكىنمۇ دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلماقتا.
تىبەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ تىبەت بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ زادۇ ناھىيىسىدە 5-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يەرلىك دورا ئۆسۈملىكى يىققان تىبەتلەردىن 1500 يۈئەندىن باج ئېلىپ، بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز يانچۇقىغا سالغانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېلىپ چىققان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىكەن. بۇ توقۇنۇشقا بىر قانچە مىڭ تىبەتلىك قاتناشقان ئىكەن.
بۇش خىتاينى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئۆتكەن سەيشەنبە يەنى31-ماي كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينى خەلقارا سودىدا ئادىل بولۇشقا چاقىرغان. پرېزىدېنت بۇش يەنە خىتاي بىلەن سودا قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقارا قائىدە – قانۇنلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت بۇش سودا مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شۇ كۈنى پرېزىدېنت بۇش يەنە خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە توختىلىپ،"ئۈمىدۋار بىر جەمىيەتنىڭ دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ ئېھتىياجى بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21 - 27 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 14-20 - ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30- ئاپرىل 6-ماي)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 23-29- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 16-22- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 9 - 15 ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26- مارتتىن 1- ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19- 25- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12- 18- مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-12- مارت)