ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-دېكابىر)
2005.12.23
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن خاتىرىلەندى
18-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىيۇنخېن شەھىرىدىكى رازاي رېستورانىدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇھىسىن يازغۇچى ئوغلى شۇنىڭدەك گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن.
"مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىم 1925 – يىللىرى ئۆزىنى ۋەتەن – مىللەتنىڭ ھۆرىيىتىگە ئاتىغان ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، 1995 – يىلى 17 – دەكابىر تۈركىيىدە پانىي دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، تۈرك دۇنياسى، ئەرەپ دۇنياسى ۋە غەرىپ دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەرغىپ قىلىپ، بۈگۈنكى مىللىي مۇجادىلىمىزگە ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر بىر زات"
تارىم نېفىتلىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتمەكتە
تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم نېفىتلىكى نېفىت ۋە تەبىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈشتە يېڭى نەتىجە قازانغان بولۇپ، يېڭىدىن 82 نېفىت قۇدۇقى قازغان ھەمدە كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنە مىڭ توننا ئاشۇرغان. خىتاينىڭ مەزكۇر چوڭ نېفىتلىكى بۇ يىل تارىم ۋادىسىدىن 287 مىليون توننا نېفىت زاپىسى نۇقتىسىنى بايقىغان ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش پىلانى بويىچە تارىم ۋادىسىدىن يەنە بىر گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، خىتاينىڭ گۇئاڭدوڭ قاتارلىق جەنۇبىي رايونلىرىنى تەمىنلەشنى پىلانلىغان، ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن خىتاينى تەمىنلەۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك، خەلق تۇرمۇشى ناچار بولۇشتەك ۋەزىيەت يەنىلا داۋاملاشماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ ئارقىدا
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 22-دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش دائىرىلىرى 11-ئايدا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىشى بېشىغا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىم ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە شاڭخەي ئەڭ يۇقىرى ، ئۇيغۇر ئېلى ئاڭ تۆۋەن بولۇپ چىققان. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى دائىم خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقى، خەلقنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا، ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خىتاي تىنچىق تەرەققىيات يولى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
22-دېكابىر كۈنى خىتاي " تىنچلىق تەرەققىيات يولى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىد، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى، ھەربىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەدلىيە قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى شۇنىڭدەك بۇ ساھەلەردە دۇنيا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇغان. مەلۇمكى، خىتاي، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالىق ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە قول قويغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىلەرنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىيەت تەرىپىدىن تەنقىتلەنمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدە خۇسۇسىي مۈلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىر
خىتاي ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ھەققىدە كۆپ تەكىتلىسىمۇ، لېكىن، بەزى جايلاردا شەھەر تەرەققىيات پىلانى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات دېگەن لوزۇنكا ئاستىدا شەخسلەر بىلەن ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەر ئارىسىدا ئۆي ۋە يەر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماجرالار كېلىپ چىقماقتا، بىر قىسىم جايلاردا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى مەجبۇرى چېقىۋېتىلىش ھەم يېتەرلىك ھەق تۆلىمەسلىك ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەلۇم بىر جايدىكى بۇ ئەھۋالغا يولۇققان بىر دېھقان ئۆز دەردىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى
قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىكبېك جېكشېنكۇلوپ 21-دېكابىر كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ دېگۇاڭ ۋە باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. زىيارەت جەريانىدا قىرغىزىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ 2006-يىللىق ھەمكارلىق پروگراممىسىغا قول قويدى. "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتىلغان. خىتاي تەرەپ يەنە خىتاينىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى 11- بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈپ، مەزكۇر تۆمۈر يولنى تېزدىن ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخباراتنى قامال قىلىشنى كۈچەيتمەكتە
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇشنى باشلىغان شۇنىڭدەك يەنە خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان مەخسۇس باياناتچى خادىملارنى تەييارلىماقتا. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-دېكابىردىن ئېتىبارەن 50 نەچچە باياناتچى خادىم مەخسۇس تەربىيىلىنىشكە باشلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق كومپارتىيە كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسۇل ئەمەلدارى لىچى " ئاخبارات ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك" دېگەن. ئۇ يەنە باياناتچىلىق خىزمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئوبرازى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە خىزمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە خىتاينى يەنىلا تەھدىد دەپ قارىماقتا
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارۇ ئاسۇ پەيشەنبە كۈنى " يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان ھەمدە ھەربىي خامچوتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىۋاتقان خىتاي ياپونىيە ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تەھدىد " دەپ بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزىگە مەسۇل بولۇشىنى، چۈنكى جۇڭگونىڭ ھېچ قاچان باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما خىتاي تەھدىدى كۆز قارىشىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە ھەمدە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)