ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-21- ئىيۇل)


2006.07.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرى كانادالىقلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. 20 – ئىيۇل كۈنى كانادادىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادالىق ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلغا تۇتقان يولسىزلارچە سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كانادانىڭ تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك"، "ھۈسەيىن جېلىلغا ئەركىنلىك"، "ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلارنى تۇتقۇن قىلىشنى توختات" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىشىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

كلىنتون فوندى جەمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كلىنتون فوندى جەمىيىتى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا كلىنتون فوندى جەمىيىتى، كېلىشىم بويىچە، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە، يىلىغا ئاز دېگەندە 2 مىليون 400 مىڭ يۈئەن سەرپ قىلىپ مەزكۇر رايوننىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىدىكەن.

مەزكۇر فوندى جەمىيەت يەنە، ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالاش ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، تېخنىكا جەھەتتە قوللاش شۇنىڭدەك مۈتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلايدىكەن. سابىق پرېزىدېنت بىلل كلىنتون ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن، بىل كلىنتون ھازىر خەيرىخاھلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئاقسۇ شەھەر يېڭى بازاردىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلمەكتە

يېقىندا بىر ئۇيغۇرنىڭ مەلۇمات يەتكۈزۈشىچە، ئاقسۇ شەھرىدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت بىر قىسىم خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ، شەھەر ئىچىدە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈپ، قەدىمى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئېگىز ئىمارەت ياكى باشقا سودا ئورۇنلىرىنى قۇرماقتا ئىكەن. شۇنداقلا بۇ خىل مەجبۇرى ئۆي كۆچۈرۈش چېقىش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا يەنە ئاقسۇنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونى بولغان يېڭى بازاردا ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت يەرلىك ئاممىنىڭ ئۆيلىرىنى ئەرزان باھالاپ ئېلىۋالغاندىن سىرت يەنە ئۇلارنى، تۇرمۇش، قاتناش ئەسلىھەلىرى قولايسىز بولغان شەھەر سىرتىدىكى كونا ئايرودروم تەرەپكە كۆچۈرمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇرلار ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەكشەنبە، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى "ۋەست پارك" دېگەن چوڭ ساياھەت باغچىسىدا مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى ميۇنخېندىكى چەت`ئەللىكلەر مەجلىسى ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان. ميۇنخېن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

تۈركىيە ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگرامملىرىنى ئاڭلىتىش ئالدىدا

ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە "تۈركىيە ئاۋازى" رادىئوسى 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىشنى باشلايدىكەن. 27 خىل تىلدا سۆزلەيدىغان، 1937-قۇرۇلغان بۇ رادىئو ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق تىللاردا خەلقئارا خەۋەرلەر، تۈرك تىلى ئۆگىتىش ھەم تۈركىيىنى چۈشەندۈرۈش پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلغان ئىكەن.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە

كانادا پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان لىبېرال پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، پاۋل سىزابۇ ھۈسەيىن جىلىل مەسىلىسىگە ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كانادا سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم ھۈسەنجان جىلىل مەسىلىسىنى كانادا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ھۆكۈمەتنى ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىگەن. ئۇ يېقىندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى ھەمدە ئۇنى قانۇنى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۆشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

خىتايدا چىقىدىغان "خەلقارا ئاۋاڭارد يېتەكچىلىرى" گېزىتىدە، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە" دەپ ئېلان قىلىندى. مەزكۇر گېزىت يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " قازاقىستاندا ياشايدىغان قەھرىمان غوجامبەردى، ئادەم ئەۋەتىپ چېگرىمىز ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان ۋە چېگرا ئېغىزىدىن دۆلىتىمىزگە زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىمەكچى بولغان " دېدى. مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئالتۇن ھىلال ئاي دەپ ئاتالغان ئافغانىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلار بىلەن چېگرىلىنىدىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما بىر نەپەر خادىم مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

8 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئەمەل ساتقانلىقى سەۋەبىدىن جازالاندى

يېقىندا 8 نەپەر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەل ساتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سىچۈئەن ئۆلكىسىدىكى ساۋ يوڭباۋ ئىسىملىك بىر پارتىيە ئەمەلدارى، خىزمەتدىشىنىڭ ئۇنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈش بەدلىگە 1 يېرىم مىليون يۈئەن پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن 13 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان.

شەنشىدىكى يەنە بىر ئەمەلدار تەخمىنەن 1 مىليون يۈئەندىن ئوشۇق پارا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، 28خادىمنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن. گۇئاڭدوڭلۇق لۇ چېڭلى بولسا، يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ ئۆزىگە ئاۋاز تاشلاتقۇزۇپ، ناھىيە باشلىقلىقىغا تەيىنلەڭەن. شىنخۇئا ئۇلارغا بېرىلگەن كونكېرت جازالار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللانىڭ ئۇرۇشلىرى داۋاملاشماقتا

ھىزبۇللا تەشكىلاتى ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى تۇتۇۋالغاندىن بۇيان باشلانغان ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاندىكى ھۇزبۇللا نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىشلىرى داۋاملاشماقتا. بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپتىن 300 دىن ئارتۇق پۇقرا ئۆلدى، لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا ھىزبۇللا ئىسرائىلىيە تانكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى يەنە ھىزبۇللا رەھبىرى جايلاشقان ئورۇن ۋە قورال ياراق ئىسكىلاتلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

خەلقئارا جەمىيەت دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا تەرەپ ئىسرائىلىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىزبۇللاغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ، ئىران بىلەن سۈرىيىنى ھىزبۇللاغا ياردەم قىلغانلىق بىلەن تەنقىد قىلماقتا، نۆۋەتتە، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى كۈنسايىن مۇرەككەپلىشىپ، كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.