ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 28-ئۆكتەبىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا گېنېتىك نازارەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئۈچ خىتاي شىركىتىنى ئىمپورت چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس كومىتېتىمۇ بۇ قارارنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىردە «Federal Register» دا ئېلان قىلغان رەسمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، چەكلىمە قويۇلغان شىركەتلەر BGI Genomics، MGI Tech ۋە Shenzhen BGI Technology شىركىتىدۇر.
BGI نىڭ ئەسلى نامى «بېيجىڭ گېنومىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتى» بولۇپ، ئۇ DNA نى ئانالىز قىلىش ۋە گېنېتىكا تېخنولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتتۇر
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ گېنېتىك ئانالىز ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ياللاش، يۆتكەش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە دەلىللەر بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قارار بويىچە، ئۈچ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قانۇنىي جەھەتتىن قىياس قىلىنىدۇ. ئىمپورت قىلغۇچىلار بۇنىڭ ئەكسىنى بەلگىلەنگەن ئىسپات ئۆلچىمى بويىچە كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلىنار 28-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، BGI شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA مەلۇمات توپلاش پائالىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا كلىنىكىلىق سىناقلارنى داۋاملاشتۇرماسلىققا چاقىرغان.
بۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا گېنېتىك نازارەتكە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى تۇنجى چەكلىمىسى ئەمەس. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2020-يىلىدىلا BGI گۇرۇپپىسىغا باغلىنىشلىق ئىككى شىركەتنى، بۇ رايوندىكى گېنېتىك ئانالىز ئارقىلىق نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئېكسپورت چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2023-يىلىمۇ بۇ ساھەدىكى باشقا شىركەتلەرگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇلغان.
بىراق بۇ قېتىم گېنېتىكا ۋە DNA ئانالىز تېخنولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ شىركەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە ئىمپورت چەكلىمە تىزىملىكىگە قوشۇلغان. بۇ، ئىلگىرىكى ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشنى چەكلەيدىغان تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 29-ئۆكتەبىردە بۇ قارارغا قارشى چىقىپ، ئامېرىكىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. BGI ۋە MGI Tech شىركەتلىرىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قارارى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ سانى 190 غا يەتكەن.
