ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 30 - ئاپرىلدىن 4 - مايغىچە)
2007.05.04
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى (2-ماي) دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىن ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
مەزكۇر دوكلاتتا، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلاددە ناچار" دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتايدىن باشقا يەنە ئىران، پاكىستان، سۇدان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ناچار مەملىكەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: "ھۆكۈمەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىنچ دىنىي پائالىيىتىنى باستۇرۇش يولىدا قوللانماقتا. بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋە تالىپلار ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن تۇتقۇن قىلىندى. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي مەركەزلەر پېچەتلەندى. ساقچىلار ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇسادىرە قىلدى".
دوكلاتتا يەنە رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى جۈملىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېيىم ۋە باشقا ئۇيغۇر دىنىي پائالىيەتچىلىرى تىلغا ئېلىنغان.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتتا بۇش ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەمدە لىخاسا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئامېرىكا كونسۇلخانىلىرى قۇرۇش، ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشىغا پۇرسەت يارىتىش توغرىسىدا بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
1 - ماي كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، خىتاي - ئامېرىكا سىياسى، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىن ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بولۇپ ئۆتتى. يىغىندا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون دىمىترى نەگروپونتې گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى سىياسىي مەۋقەسىنى ئىپادىلىدى.
جون نەگروپونتې ئامېرىكىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاينى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مەسۇلىيەتچان ۋە مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم " دېدى.
نەگروپونتې، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى جەھەتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، "تىبەتنىڭ ئەھۋالى شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا" دېدى.
ئالما-ئاتادا "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى
ئالما-ئاتا شەھىرىدە، "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى. "ئۇيغۇر ئاۋازى" سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە "كوممۇنىزم تۇغى" دەپ ئاتالغان.
بۇ گېزىت نۆۋەتتە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ۋە دۇنيا ھەققىدە خەۋەر تېپىشىدىكى مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان. مەزكۇر گېزىت ھازىر قازاقىستاندىكى بىردىن بىر ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن چىقىدىغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىسىدۇر.
3-ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى
3-ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى بولۇپ، باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نىيويورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش جەمىيىتىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، 2002 - يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلارنىڭ % 85 ئى ناھەقچىلىقنى پاش قىلىپ ھەققانىيەتكە يېتىش يولىدا كۈرەش قىلغانلار. بەزى رايونلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ % 70 ئى پەقەت كەسپىي مۇخبىر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىمۇ نۇتۇق سۆزلەپ، مۇخبىرلىقنىڭ خەتەرلىك كەسىپكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلماقتا.
يېقىندا خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېيىمغىمۇ "ئىنتېرنەت تورى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تارقاتقان " دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشەلمىدى
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككەي 30-ئاپرىل كۈنى بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزبېكىستان خىتايغا تۇتۇپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تەرىپىدىن 'بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق" بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ھۈسېيىن جېلىل بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئاسىيا خەۋەرلىرى گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەمما، پېتېر ماككەينىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان.
ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقچى
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي قازاقىستان بىلەن نېفىت ساھەسىدە ھەمكارلاشقان بولسا، نۆۋەتتە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تەبىئىي گازلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.
يېقىندا، خىتاينىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشلىقى ماكەي ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا 530 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار تارقالدى.
ئەمما، ئۆزبېكىستان تەرەپ بۇ ھەقتە رەسمىي ئۇچۇر تارقاتمىغان بولسىمۇ، تاشكەنت -بېيجىڭ ھەمكارلىقلىرىنىڭ يىلدىن -يىلغا يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرىلدىن 27-ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16 - ئاپرىلدىن 20 - ئاپرىلغىچە)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-13- ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31 – مارت – 6 – ئاپرىل)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 – 30 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-فېۋرال-2-مارت)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-23-فېۋرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (10-16-فېبرال)
- ھەپتىلىك خەۋەرلەر (3 – 9 – فېۋرال)