ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20 - مارتتىن 26 - مارتقىچە)

1.ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى يىلىغا 350 مىڭ ئەتراپىدا كۆپەيمەكتە.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۇيغۇر ئېلىدە 19 - مارت ئېچىلغان پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا ئاشكارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۆسۈش نىسبىتى نوپۇسنىڭ نورمال كۆپىيىش نىسبىتىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولماقتا ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، يىغىندا ھەر دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئورگانلىرىدىن نوپۇسنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەھميتىتىنى تونۇپ يېتىش تەلەپ قىلىنغان.

تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى غەرەزلىك ھالدا مۇرەككەپلەشتۈرگەن ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسىنى دەسلەپكى 5 پىرسەنتتىن نۆۋەتتىكى 40 پىرسەنتتىن يۇقىرىغا يەتكۈزگەن.

2. خىتاي ھۆكۈمىتى 20 - مارتتىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن 32 تور بېكىتىنى ئېچىۋەتكەن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلخەت ئەۋەتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. مىڭپاۋ گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن " قەدەم - قەدەم تېخىمۇ كۆپ ئالاقە مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئېچىۋېتىلگەن تور بەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى بار ياكى يوقلۇقى ھازىرچە نامەلۇم.

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق تور بەتلىرى تاقىۋېتىلگەن، رايوننىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرى كېسىۋېتىلگەن ئىدى.

3. رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقتى.ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 10 كۈن داۋام قىلىدىكەن. ئۇ، بۇ جەرياندا مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقاندىن باشقا، گوللاندىيىدىكى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇ يەنە گوللاندىيىدىكى مۇھىم ئاخبارات ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

گوللاندىيىدە مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگە قەدەر ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر فېستىۋالغا، جەمئىيەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ۋە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۆچى چوڭ بولغان فىلىملەر قاتناشتۇرۇلىدىكەن. " ئەھمىيەتلىك فىلىملەر" نامىدىكى بۇ خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىغا، رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ناملىق فىلىممۇ تاللانغان. شۇڭا رابىيە خانىم فېستىۋالنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان.

4. گوگۇل شىركىتى خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى خوڭكوڭدىكى مۇلازىمېتىرىغا يۆتكىدى

ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بېرى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان Google شىركىتى دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاپ، ئىزدەش مەنبەسىنى خوڭكوڭدىكى مۇلازىمېتىرىغا يۆتكىگەن.

نەتىجىدە خىتايدا Google دىن پايدىلىنىپ توردا ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر خىتايدا ئىلگىرى چەكلەنگەن بەزى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كومپارتىيىسى خالىمايدىغان: تيەنئەنمېن ۋەقەسى، دالاي لاما، رابىيە قادىر، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە فالۇنگوڭغا ئالاقىدار سەزگۈر مەزمۇنلارنىڭ خىتايدا ئېچىلىشىنى چەكلەپ كەلگەن. بۇ خىل چەكلەش تەلەپلىرى گۇگۇل ئىزدەش ماتورىغىمۇ قويۇلغان بولۇپ، گۇگۇل ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى.

ئىككى ئايدەك خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئىنتېرنېت چەكلىمىسى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ نەتىجە قازىنالمىغاندىن كېيىن، گۇگۇل خىتايدىكى ئىزدەش مۇلازىمېتىرىنى تاقاش قارارى ئالدى.

5. شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت

3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گېرمانىيىنىڭ مانخايىم شەھىرىدە " شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت" ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنى" شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى" ناملىق تەشكىلات بىلەن تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ھەمدە فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كۆپ مەزمۇنلۇق بۇ پروگراممىغا مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان.

مەزكۇر پروگراممىنىڭ شوئارى " بۈگۈن بارلىقىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن" ئىكەن. كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پروگراممىغا ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەمدە تاماشىبىنلارنى كۆز يېشى قىلغۇدەك دەرىجىدە تەسىرلەندۈرگەن.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى " شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيەت" ناملىق بۇ پروگراممىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە بۇ پائالىيەتنى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ كەڭ كۆرسىتىشنى تەۋسىيە قىلىشقان.

6. گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر شۋېتسارىيىگە كەلدى.

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇرغا شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي پاناھلىق بېرىشنى تەستىقلىغان ئىدى. شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يۇرا مەمۇرى رايونىنىڭ باياناتچىسى پېررە ئالاين بېررېت بۇ ئىككى ئۇيغۇر بۈگۈن شۋېتسارىيىگە يېتىپ كەلدى دەپ جاكارلىدى.

شۋېتسارىيىگە يېتىپ كەلگەن بۇ ئىككى ئۇيغۇر، ئامېرىكا 2001 - يىلىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئافغانىستاندا ئۇرۇش قىلغان ۋاقىتلاردا تۇتۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككىسى.

مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىي 17 نەپىرى ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاي جۇمھۇرىيىتى ۋە شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر ھېلى ھەم گۈئەنتانامودا قويۇپ بېرىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

7. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كامبودژانىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى كامبودژا باش مىنىستىرى خوڭسېنغا خەت يېزىپ، كامبودژانىڭ ئۆتكەن يىلى 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشكە سەۋەب بولغان مۇساپىرلار قانۇنىنىڭ، كامبودژا ئىمزا قويغان ب دت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

كامبودژا باش مىنىستىرى خوڭسېن 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كامبودژانىڭ مۇساپىرلار سالاھىيىتىنى بەلگىلەش قائىدىسىگە ئىمزا قويۇپ، 20 - چېسلا كامبودژاغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 20 كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كامبودژانىڭ يېڭى مۇساپىرلار قائىدىسىدە كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ پىكرىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇساپىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ كامبودژا ئىمزا قويغان ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ كەتكەن 20 مۇساپىردىن 7 كىشىنىڭ قانۇنى جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

8. شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېنگاڭ، ئالدىنقى كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇچۇر ئالاقە چەكلىمىسىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلىگەن.

ئۇ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدە، ئاساسلىقى ئۇچۇر - ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسى بار. نۆۋەتتىكى سودا - تىجارەتنىڭ كۆپ قىسمى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇرىغا تايانغان. ئىنتېرنېت تاقالغان 8 ئايدىن بېرى ئىنتېرنېت چەكلىمىسى تۈپەيلى بىرقىسىم شىركەتلەر تاقالغان، كۆپ قىسمى بولسا زىيانغا ئۇچرىغان ياكى پايدىسى ئازايغان. شۇڭا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادىي تۆلەم تەلەپ قىلىشى ۋە سياسىي جەھەتتىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېنگاڭ ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت كېسىۋېتىلگەندە، ئۇچۇر ئالاقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بىر ئىنسانىي ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.