ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24 - ئىيۇلدىن 30 - ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ غەيرەت نىيازنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 23 - ئىيۇل يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23 - ئىيۇلدىكى باياناتىدا، غەيرەت نىيازغا بېرىلگەن جازانى " قەبىھ" دەپ كۆرسەتتى.

24 - ئىيۇل مەركىزىي پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، بايانات ئېلىپ قىلىپ مەزكۇر سوت ھۆكۈمىدىن " قاتتىق ھەيران قالغان" لىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىردى.

خىتاي دائىرىلىرى دىيارىم تور بېتىنىڭ باشلىقى دىلشات پەرھات ۋە باشقا ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنى مەخپىي سوتلىدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە يېپىق سوت ئېچىپ، "دىيارىم" تورنىڭ باشلىقى دىلشات پەرھات قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىسىغا قاماق جازاسى بەردى. دىلشات پەرھات بىلەن بىرلىكتە يەنە " شەبنەم"، " سەلكىن" تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن نۇرئەلى ۋە نىجات قاتارلىقلارمۇ سوتلانغان.

دىلشات پەرھاتنىڭ ئەنگىلىيىدىكى ئاكىسى دىلمۇرات پەرھاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلشات پەرھات 5 يىللىق قاماق جازاسىغا، نىجات ئازاد 10 يىللىق قاماق جازاسىغا، نۇرئەلى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 200 گە يېقىن ئۇيغۇر تور بېتىنى تاقىغان ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى پەيزىۋاتتىكى مەسچىتتە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى

پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى 26 - ئىيۇل دىنىي زاتلار ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا ۋەز - نەسىھەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىكى رەسىمدىن قارىغاندا، مۇسابىقە مەسچىتنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر قىلمىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىنغان مەسخىرە دەپ تەنقىد قىلدى.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلاردىن ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەسچىتتە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تويدىن بۇرۇن ئەيدىز تەكشۈرۈشىنى مەجبۇرىي يولغا قويماقچى

ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋىرۇسى جىددىي تارقىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تويدىن بۇرۇن ئەيدىزگە قارىتا مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن. بۇ تەدبىر، 26 - ئىيۇل چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ - 19 قېتىملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ يەنىلا ھەل قىلغۇچ چارە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئەيدىز مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرىنى تىزگىنلەش كېرەك ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولۇپ خىتاي بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېڭى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى

ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 7 - ئاينىڭ 17 - ،18 - كۈنلىرى لوندوندا يىغىن چاقىرىپ، يېڭىدىن ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. يىغىنغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان بىلەن باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتناشتى. يىغىننىڭ 2 - كۈنى، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا سايلام ئېلىپ بېرىلدى. سايلامدا 7 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى. نىزامىدىن سەمەت ئەپەندى ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلاشماقتا

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ياشلار 25 - ئىيۇل ئامىستېردام شەھىرىدە مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇردى. مۇزاكىرىدىن كېيىن، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىلاتى بىرلەشتى ۋە بۇندىن كېيىنكى كونكرېتنى خىزمەتلەر ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.

ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ئورتاق پىكىر بايان قىلىپ، گوللاندىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەرتسىز ئىتتىپاقلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

ئۆركەش دۆلەت: خىتاي چېگرىسىدىن كىرىشكە يەنە ئۇرۇنىمەن

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەت خىتايغا كىرىشكە ئۇرۇنۇشنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى 29 - ئىيۇل تەيۋەندىكى بىر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆركەش دۆلەت ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن خىتايغا بېرىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئۆركەش : "مەن چېگرىدىن كىرىشكە يەنە ئۇرۇنىمەن. ئۇلار ئاتا - ئانامنى چەتئەلگە چىققىلى قويمايدۇ، بىز كۆرۈشمىگىلى 21 يىل بولدى. مېنى تۇتۇپ كەتسىمۇ مەيلى، ئاتا - ئانام مېنى تۈرمىگە كۆرگىلى كەلگەندە كۆرۈشسەكمۇ ھېساب" دېگەن.

ئۆركەش دۆلەت ئىلگىرى ئىككى قېتىم خىتايغا بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، ئەمما ھەر ئىككىلا قېتىم رەت قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ساقچىلىرى كېپەك يۈزى يېزىسىدىن تۇتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى يوق.

مەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز يېقىندا، غۇلجا شەھىرى كېپەك يۈزى يېزىسى ئارا كېپەكيۈزى كەنتىدىن ھەبىبۇللا، تۆۋەن كېپەكيۈزى كەنتىدىن ھاكىم قاتارلىق 30 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى، خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياشلار 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن. 27 - ئىيۇل، غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى مەزكۇر ئۇيغۇر ياشلارنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە جىنايەت بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە ئارتۇقچە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 2010 يىلى 28 - ئىيۇل كېسەل سەۋەبى بىلەن، 74 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بىر سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇندىن ئايرىلدى. مەرھۇم زۇنۇنقىز ئېلاخۇن سەھنە ۋە ئېكرانلاردا " مېھرىبان ئانا " ئوبرازىنى تەبىئىي ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتقان، ئۇيغۇر تىياتىر ۋە كىنو سەنئىتى ساھەسىدىكى پېشقەدەم ئۇستازلاردىن ئىدى.

گەرچە ئۇ، ئۇنى سۆيگەن تاماشىبىنلىرى ۋە خەلقى بىلەن ۋىدالاشقان بولسىمۇ، مېھرى ئىللىق بۇ" ئانا" نىڭ سېيماسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەڭگۈ يادلانغۇسى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.