ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - فېۋرالدىن 27 - فېۋرالغىچە)

0:00 / 0:00


1. باي ناھىيەسىدىكى ياقائېرىق ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى ئاشكارا بولدى

بايدىكى ياقائېرىقتا ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسىنىڭ تورىدا ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلار ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆچۈرىۋېتىلگەن بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە ئالاقىدار پىدائىيلارنىڭ سانى 20 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن 9 نەپىرى ئېتىۋېتىلگەن، 3 نەپىرى قېچىپ قۇتۇلغان، قالغانلىرى تۇتۇلغان.

ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر كەنت سېكرىتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر 20 نەپەر پىدائىينىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرى ئايال ئىكەن.

پىدائىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى تۇرغۇن بىلال ئايالى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئابلىز ئابلا ئايالى ئازادەم نۇر بىلەن بىرلىكتە ساقچىلاردىن تارتىۋالغان قورالنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.

كەنت سېكرىتارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى بولمىغان 4 كىشى ئېتىۋېتىلگەن. ئۇلاردىن بىرى يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى جۈمە ھەققۇلى، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى ئىكەنلىكى مەلۇم.

2. ياقائېرىق پىدائىيلىرىدىن ئازادەم نۇر بىلەن ئابلىز ئابلانىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 17 - فېۋرال كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ ياقائېرىق يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ قۇتۇلغان ئەر - ئايال پىدائىيلاردىن ئابلىز ئابلا بىلەن ئازادەم نۇرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئابلىز ئابلا شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا ساقچى باشلىقى قاسىم ئىمىرنىڭ قولىدىكى ئاپتوماتىك قورالنى تارتىۋالغان، ئاندىن ئايالى ئازادەم نۇر بىلەن بىللە نەق مەيداندىن قېچىپ قۇتۇلغان. ھالبۇكى، ۋەقەدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئۇلار ئىككىسى ئوخشىمىغان ئىككى ئورۇندا تۇتۇلۇپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز ئابلا ياقائېرىق يېزىسىنىڭ ئاق گۈمبەز كەنتىدە، ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدىكى كونا ئايروپىلانخانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاھالىلەر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ياقائېرىقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقەگە قاتناشقان پىدائىيلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپ ئاز دېگەندە يۈزگە يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. تۇتقۇنلار ئارىسىدا ياقائېرىقتا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن رۇستەم روزى، ئەھەت مامۇت قاتارلىق كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

3. ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغان 4 ئۇيغۇر تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

ھىندونېزىيە ئامانلىق كۈچلىرى 2014 - يىلى 9 - ئايدا، ھىندونېزىيەنىڭ سولاۋېسى ئۆلكىسىگە قاراشلىق پوسو شەھىرىگە كېتىۋاتقان 4 نەپەر ئۇيغۇرنى «گۇمانلىق» دەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان، ئەمما قولىدا تۈرك پاسپورتى بار بۇ 4 نەپەر كىشىگە ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتقان باشقا 3 نەپەر ھىندونېزىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا تۇتقۇن قىلىنغان.

نوۋەتتە ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئۇلارنى «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش نىيىتى بار»، دەپ ئەيىبلەپ رەسمىي سوتلاشنى قارار قىلغان.

بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى مەزكۇر كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى. ئۇ «ھىندونېزىيە سوتى ھازىرچە ئۇلارنى سوتلىغان تەقدىردىمۇ، بىراق ئۇلار ھامان بىر كۈنى ئاقلىنىپ چىقىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

4. «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» دا گاز چىقىپ كېتىپ 2 ئۇيغۇر ئىشچى ئۆلگەن

ئۆتكەن يىلى 24 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» دا گاز چىقىپ كېتىپ ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى يېقىندا ئاشكارىلاندى.

ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئىشچى ئابدۇسالام مەمتىمىننىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ياللاپ ئىشلەتكۈچىلەر خېبېي ئۆلكىسىدىن چىقىپ، «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» دا ئىش كۆتۈرە ئالغان خىتايلار ئىكەن. ئۇلار شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئايلىقىغا ئىككى مىڭ سوم پۇل بېرىپ ياللاپ ئىشلەتكەن. خەتىرى زور بولغان ئىش ئورنىغا ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئورناتمىغان.

ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ئايلارچە دەۋا قىلىپمۇ تۆلەم ئالالمىغاچقا، مەرھۇم ئابدۇسالام مەمتىمىننىڭ مىيىتى 34 كۈن دەپنە قىلىنماي توڭلاتقۇدا تۇرۇپ قالغان.

«1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن شۇ يەردىكى ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خېبېيلىق خىتاي خوجايىنلارغا بېسىم ئىشلەتكەن. نەتىجىدە خىتاي خوجايىنلار مەرھۇم ئابدۇسالام مەمتىمىننىڭ ئائىلىسىگە ئاران 580 مىڭ سوم تۆلەم بېرىپ ئىشنى بولدى قىلغان. ھاياتىدىن ئايرىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

5. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ بۇ يىللىق «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى پەرزەنتلىرىنىڭ يات ئەللەرگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇيغۇر ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئىشىنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

بۇ ساھەدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئىلگىرىلەش زور بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئېچىلغان ئائىلە ئانا تىل مەكتەپلىرى بولسۇن ياكى ئانا تىل كۇرسلىرى بولسۇن، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن. بولۇپمۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بالىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماقتىكەن.

ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تەجرىبىلىك تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانا تىل تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

6. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ يېزىلىپ چىقىشىدىكى سىرلىق جەريانلار دىققەت قوزغىماقتا

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1990 - يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى قانداق شەرھىلەشتىكى سىياسىي قېلىپىنى بېكىتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نىڭ يېزىلىپ چىقىشى ۋە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشىغا 30 نەچچە يىللىق «سىرلىق جەريان» كەتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە «مەسئۇل مۇھەررىر» لەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىسمى يېزىلغان قۇربان ۋەلى ئەپەندى ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بۇ ھەقتىكى بەزى سىرلارنى ئاشكارا قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىپ چىقىش ھەققىدىكى ئەسلى پىلاندا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بېكىتىلگەن. ھالبۇكى، ئاتالمىش «"ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى" نى يېزىش گۇرۇپپىسى» كېيىنچە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلار يازغان بۆلەكلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمىغان.

مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق بۇ كىتابتا ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەنلىكىنى شۇنداقلا مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتىن كۆرە، سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.