1. مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن
24 - ئاپرېل مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 15 كىشى ئۆلگەن، قارشىلاشقۇچىلاردىن 6 كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلدى. ۋەقە ساقچىلار سېرىقبويىدىكى مەلۇم بىر ئۆيدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. يەنە بەزى خەۋەرلەردە، توقۇنۇش ساقچىلارنىڭ ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا بىر ئائىلىدىكى ئايالنىڭ يۈزىدىكى پەرەنجىنى ئېچىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ۋەقەنى تېررورلۇققا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى گۇمانلىق.
2. فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاياللار يىغىنى ئېچىلدى
20 - ئاپرېل فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى. بۇ مەزكۇر كۇرسنىڭ 6 - قېتىم ئېچىلىشىدۇر. ئىككى كۈن داۋام قىلغان كۇرسقا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، شۋېتسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بىرەر يۈزدەك كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى قاتناشقان. كۇرس جەريانىدا «قانداق قىلىپ خەلقىمىزگە ياردەم بېرەلەيمىز» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. كۇرس 21 - ئاپرېل ئاخىرلىشىپ 2 - كۈنى ئايال پائالىيەتچىلەر بىردەك دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
3. ئامېرىكا مارالبېشىدىكى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇردى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «سېرىقبويا ۋەقەسى»گە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى. باياناتچىسى پاترىك ۋېنترېلل يەنە، خىتاينىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشتە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ: ۋاشىنگىتون خىتايدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىشكە، چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە يېقىندىن دىققەت قىلغان. پاترىك ۋېنترېلل يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ممەمەتجان ئابدۇللانى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
مەمەتجان ئابدۇللا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ۋېنترېلل: مەمەت ئابدۇللا خىتاي دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ سەلكىن ئۇيغۇر تور بېتىگە نەرسە يوللىغانلىقتىن 2009 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دەپ قولغا ئېلىنىپ، كېيىنكى يىلى 1 - مارت مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. مەمەت ئابدۇللانىڭ سوتى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەركىن ئاسىيا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ سوتتا بېيجىڭدىكى خەلقئارا مۇخبىرلارغا توقۇنۇش ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى ۋە توردىكى بىر ماقالىنى تەرجىمە قىلغانلىقى سەۋەبلىك جازالانغان. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەمەتجان ئابدۇللا ۋە باشقا قاماقتىكى بارلىق مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز، دېگەن.
4.قەشقەردە قۇرئان ساتقان بىر ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى
قەشقەردە بىر ئۇيغۇر ھېيتكا مەسچىتى ئالدىدىكى دۇكىنىدا قۇرئان ساتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. «ئۇيغۇر بىز» تورى بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ئىسمايىل ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرنىڭ بۇ يىل 1 - مارت كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەن. بۇ يىل 23 - ياشلاردىكى نۇرمۇھەممەتنى قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تۇتۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئوغلىنى يوقلاپ بارغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدىكى ساقچىلار نۇرمەمەتنىڭ دېلوسى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن.
5. ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆي چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئاچا - سىڭىل ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان
22 - ئاپرېل ئاقسۇ شەھىرىدە خالىدە، زۇلپىيە ئىسىملىك ئاچا - سىڭىل دادىسىدىن مىراس قالغان تۇرالغۇ ئۆينى مەجبۇرىي چېقىۋېتىشكە قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان. بۇ ئەھۋال تور بېكەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى كۆرگۈچى ئامما توردا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل يولسىزلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. توردىكى ئىنكاسلاردا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خالىدە بىلەن زۇلپىيە ئۆي چېقىشقا مەسئۇل خىتاي باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەھەلىلىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى كۆچۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە قانات يايدۇرۇلماقتا ئىكەن.
6. ئامېرىكا ئەلچىسى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گەرىي لو 24 - ئاپرىل ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ، ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە بىر خەلقئارا ئېنىرگيە ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى خادىملار ۋە 30 غا يېقىن ئامېرىكا شىىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمراھ بولۇپ بارغان. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى مەنزىلىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بىراق خىتاي ئاخباراتى گەرىي لۇنىڭ زىيارىتىنى كېچىكىپ خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرغان ۋاقتى، جاڭ چۈنشيەن بىلەن قانداق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. گەرىي لۇ ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا تىبەتنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينى تىبەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان ئىدى.
7. قارادۆڭلۈك دىھقانلارنىڭ يەر - زېمىنى تارتىۋېلىندى
يېقىندا غۇلجىنىڭ قارادۆڭ يېزىسىدا يەرلىك دائىرىلەر مەزكۇر يېزىغا قاراشلىق بايكۆل كەنتىنىڭ - 5، - 6، - 7 ئەترەتلىرىدىكى دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەر ۋە قورا جايىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. بۇ، يەرلىك دىھقان ئائىلىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بايكۆللۈك دىھقانلارنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، ھەر بىر مو يەرنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى 99 مىڭ سوم بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ھەر بىر مو يەرنى 39 مىڭ سومدىن باھالاپ پۇل بەرگەن. دائىرىلەر بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ساقچىلارنى باشلاپ كېلىپ، يېرىنى سېتىشنى رەت قىلغان دىھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى قەيسەر ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، دىھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرگە قانۇنسىز ئۆي سېلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
0:00 / 0:00