ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-دېكابىردىن 3-يانۋارغىچە)

0:00 / 0:00

30-دېكابىر كۈنى يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 ئادەم ئۆلگەن

30-دېكابىر كۈنى سەھەر شۇ يەر ۋاقتى 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يەكەن ناھىيىسىدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان چەكلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىچاق ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان يەرلىك پارتلاتقۇچ قوراللار بىلەن قوراللانغان 9 نەپەر ئۇيغۇر يەكەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان. خىتاي ساقچى تەرەپ نەق مەيداندا ئوق چىقىرىپ 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئاخىرقى بىر نەپىرىنى تىرىك تۇتقان.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ھازىرغىچە مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ جەريانى، سەۋەبلىرى ۋە توقۇنۇشتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلەر ئىچىدە ئوسمان بارات ۋە ئابدۇغېنى ئابدۇقادىر ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

30‏-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى شۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 15‏-دېكابىر قەشقەر كونا شەھەردە يۈز بەرگەن 14 ئۇيغۇرنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى» گە بىلدۈرگەن ئىنكاسى خىتاينى بىئارام قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيە ھارف خانىم 30-دېكابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا يول قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.» دېگەن.

ئۇ يەنە 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا بۇ ۋەقەنى ‹تېررورلۇق ھۇجۇمى› دەپ بېكىتكىنى يوق.»

ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەدە 30‏-دېكابىر يۈز بەرگەن ۋولگاگراد ۋەقەسى بىلەن شۇ كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە «ئىككى خىل ئۆلچەم» تۇتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ھارف خانىم بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بۇ ھەقتە تېخى يېتەرلىك ئۇچۇر ۋە دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئالدىراقسانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ.»

كېرىيەدە 4 نەپەر ئېغىرئاياغ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە ئۆلتۈرۈلگەن

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 4 نەپەر ئۇيغۇر ھامىلىدار ئايالغا قارىتا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 5 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلە، ئانا قارنىدا قەتلە قىلىنغان. بۇ ئوپېراتسىيە كېرىيەدىكى نۇرلۇق دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئائىلىلەرنىڭ مۇخبىرىمىزغا پاش قىلىشى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، مەزكۇر دوختۇرخانىدا چۈشۈرۈلۈشنى كۈتۈپ ياتقان يەنە بىر 4 يېرىم ئايلىق ھامىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرخانىدىن قاچقان.

مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئارىش يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، ئەھۋال ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ھامىلە قەتلە قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 3 ئۇيغۇر سىلوۋاكىيەگە يەرلەشتۈرۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 31‏-دېكابىر كۈنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئاخىرقى 3 ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىپ، سلوۋاكىيەگە يولغا سېلىنغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى باياناتىدا، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بىزنىڭ گۇەنتانامو تۇتقۇنلار لاگېرىنى تاقاش يولىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2001‏-يىلى ئافغانىستاندا تۇتۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «خاتا ۋاقىتتا ۋە خاتا جايدا تۇرۇپ قالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن، ئۇلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرقى تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشقا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۈسۈپ ئابباس، سەيدۇللا خالىق، ھاجى ئەكبەر ئابدۇلغوپۇر قاتارلىق 3 ئۇيغۇر سىلوۋاكىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلغان.

سلوۋاكىيەگە يېتىپ بارغان بۇ ئۇيغۇرلار، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېخى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغان بارلىق ۋەتەنداشلىرىغا سالام يوللىغان.

رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى

2014-يىلى كىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خەلقىگە يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

رابىيە خانىم ئالدى بىلەن ئۆز نامى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ نامىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى تىنچ-ئىتتىپاقلىققا، قېرىنداشلارچە ئۆملۈككە ۋە مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە چاقىردى. ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىدى.

رابىيە خانىم رادىئو نۇتقىدا يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ۋە رايوندىكى كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررورىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئاخىرىدا، رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ 2014-يىلىغا بولغان تىلەكلىرى ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەشھۇر تەرجىمان توختى باقى ۋاپات بولدى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، خەلق ئىچىگە تونۇلغان پېشقەدەم زىيالىي توختى باقى ئارتىشى 29-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 91 يېشىدا ۋاپات بولغان.

توختى باقى ئارتىشى 1922‏-يىلى ئاتۇشنىڭ ئىشتاچى كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇغان، 1939-1953-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا مەتبۇئات ۋە ھەر قايسى ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان.

1953-يىلىدىن كېيىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا تەرجىمان بولغان. 1961-يىلىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر ئۆمۈر تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

توختى باقى ئارتىشى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ، خىتاي ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى لۇشۈننىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. ئۇ ھاياتىدا كۆپلىگەن رومان، پوۋېست، نەسىر ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى شۇنىڭدەك ئىلمىي-نەزەرىيىۋىي ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان.