ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29-دېكابىردىن 4-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قارىقاشتا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان بالا.
قارىقاشتا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان بالا.
Social Media

قاراقاشتىكى لاگېر مەھبۇسلىرىدىن بانۇخان روزىمەمەت تۈرمىدە جان ئۈزگەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ناچار تۇرمۇش شارائىتى سەۋەبىدىن كۆپلەپ جان ئۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىندا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى بانۇخان روزىمەمەت ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بانۇخاننىڭ «توپلىشىپ تەبلىغ ئاڭلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە لاگېرغا قامالغانلارغا «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» نامىدا جازا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ئون يىلدىن ئارتۇق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

ئۆستەڭدە توڭلاپ قالغان گۆدەكنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئىككى ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆستەڭدە توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر خەۋەر كەڭ تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۆدەكنىڭ ئىسمى رەھمىتۇللا شىرباقى بولۇپ، قاراقاشنىڭ چوكانجىلغا كەنتىدىن ئىكەن.

رەھمىتۇللانىڭ بوۋىسى ۋە مومىسى ئالاقىدار ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ رەھمىتۇللانى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان لاگېردا تۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشكە 20 قېتىم ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما لاگېر باشقۇرغۇچىلىرى كۆرۈشتۈرمىگەن ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئەۋج ئالماقتا

يېقىندا لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىدا پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ «بېيجىڭ تىياتىرى» نى ئۆگىنىپ، خىتايچە چاڭچىلە ئويناشقا تەشكىللەنگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇرچە تىل ۋە يېزىقنى ئىشلىتىشنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» نىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا ئۇيغۇرلار خىتايچە ھۆسنخەتلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەنگەن. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، يەرلىك مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىق،» دېدى.

ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىقتى

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 11 ئۇيغۇر يېڭى يىل ھارپىسىدا قويۇپ بېرىلىپ، تۈركىيەگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن قاچقۇن ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئىستانبۇل ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىنغان ئىكەن.

بۇ ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى ئۈچۈن «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى پەخرىدىن يوقۇش ئەپەندى ۋە باشقا ئالاقىدار زاتلار كۆپ كۈچ چىقارغان.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېخىمۇ نازۇك تۈس ئېلىۋاتقاندا بۇ خىل ئىجابىي ئىلگىرىلەشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كۆپ قىسىم تۈرك خەلقىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەرەب دۇنياسىدىن تۇنجى قېتىم ئاۋاز چىقتى

ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە «ئېتنىك تازىلاش» قا دۇچ كېلىشى ھەققىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغاندىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تۇنجى سادا كۇۋەيت پارلامېنتىدىن چىقتى.

1-يانۋار كۈنى كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇسامە شاھىن پارلامېنتتىكى بىر قېتىملىق يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كۈلپەتلەرنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىسلام ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىجابىي ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بولغان «كادىرلار ئۇيۇشمىسى» ۋە «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە دوكلات بېرىش پائالىيىتى ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزدى.

بولۇپمۇ ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامەسىدە ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى جۈمە نامىزىدىن كېيىن بەش مىڭچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشتا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاينى ئەيىبلەش شوئارلىرى ياڭرىدى.

تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى تۈركىيە چېگراسىدىن ھالقىپ، گېرمانىيەدىكى تۈرك جامائىتىنىڭ نامايىشلىرىدىمۇ ئەكس ئەتتى. گېرمانىيەنىڭ نۇرېنبۇرگ شەھىرىدىكى تۈرك جامائىتى 29-دېكابىر كۈنى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

تولۇق بەت