«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يېڭى يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يېڭى يىللىق سانىغا بېسىلغان «خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىبىدە غەزەپ ئوتى قايناۋاتقان شىنجاڭ» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان.
ژۇرنالىست ئاندرېۋ ياكوبس مەزكۇر ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىكىدىكى مەسچىتلەردە ئىلگىرى كانايدا ياڭراپ تۇرىدىغان ئەزان ئاۋازىنىڭ ھازىر تامامەن ئۆچكەنلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قويغان مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى گويا غەزەپتىن «قايناۋاتقان قازان» غا ئوخشاتقان.
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ماقالىنى فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گۇيتېرنىڭ خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ماقالىسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دىققەت قوزغىغان يەنە بىر مۇھىم ماقالە، دەپ قارىماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر «ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي تېندىنسىيەنىڭ سۇسلىغانلىقى گۇمانلىق» دەپ قارىماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 31-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن يېڭى يىللىق نۇتقىدا «2015-يىلى شىنجاڭدا دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك سۇسلىدى» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە، «رايوندىكى دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتىنىڭ سۇسلىشىشى» دا دائىرىلەر قوللانغان قاتتىق قول تەدبىرلەرنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن دىنىي قىياپەتنى ۋاقىتلىق كونترول قىلالىسىمۇ، ئەمما ئېتىقادچىلارنىڭ قەلبىدىكى دىنىي تېندىنسىيەنى كونترول قىلالىشى گۇمانلىق» دېدى.
كىچىك مىرەندىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم
ئۇيغۇر ئېلىدىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تەكلىماكاندىكى كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىنىشىچە، كىچىك مىرەن خارابىسى بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرىلا خىتاينىڭ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى تىزىمىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك دائىرىلەر تېخى يېقىندا بۇ جايغا قوغداش پونكىتى تەسىس قىلغان ئىكەن.
كىچىك مىرەندىكى قەدىمىي قەبرىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. مۇتەخەسسىسلەر كىچىك مىرەندىن قېزىۋېلىنغان تېپىلمىلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
2016-يىلى كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رايوندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
خەۋەر تېپىشىمىزچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياكى تور ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان چەكلىمە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدە، بولۇپمۇ خوتەن رايونىدا ھەممىدىن كۈچلۈك ئىكەن.
يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە «24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك» ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇما ناھىيەسىنىڭ موكويلا يېزىلىق ساقچىخانىسى نۆۋەتتە تەۋەلىكتىكى ياشلارنىڭ يانفونلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەندىكى مۇقىملىق كادىرلىرى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خوتەن تەۋەسىدە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.
پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدا ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر دەلىللەندى
ئۆتكەن ھەپتە شىۋېتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خەۋەردە ۋەقەنىڭ بىر ئاي بۇرۇن بىر مەسچىت ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى، ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ پەيزىۋاتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ئاتۇشتىن كەلگەن بىر ساقچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
رادىئويىمىزنىڭ پەيزىۋاتتىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ نەق مەيداندىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى دەلىللەندى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ «ئانا تىل مەكتىپى» ئاچقانلىقى سەۋەبىدىن 15 ئاي سولانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ 7-يانۋار ئەنقەرەدە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ئانا تىل مەكتىپى» ئاچقانلىقى سەۋەبىدىن 15 ئاي قاماققا سولانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ ئۆز باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، ئەسلى سەۋەبنىڭ ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۆزىدە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش پىكرىنىڭ 2005-يىلى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغانلىقىنى، 2009-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا كۈچەيگەنلىكىنى، 2011-يىلى ئىيۇلدا يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يېقىندا تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئەنقەرەدە ياشىماقتىكەن.