ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-يانۋاردىن 11-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.01.11
hepte-20190111.jpg ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن.

ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، سەنۇبەر تۇرسۇن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئۇيغۇر سەنئىتىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىپ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كەسپىي دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن ئەنگلىيەلىك مۇزىكىشۇناس راچېل خاررىس خانىم «سەنۇبەر تۇرسۇندەك ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يارقىن بىر سىمۋولىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىش نىيىتىنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى» دېدى.

كەسپىي پۇتبولچى ئەرپات ئابلەكرەم لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دە تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىدىن پارلاۋاتقان پۇتبول چولپانلىرىدىن ئەرپات ئابلەكرەمنىڭ 2018-يىلى مارتتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەرپات 1994-يىلى تۇغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ پۇتبول مەشىقى قىلغان. 10 يېشىدىن تارتىپ غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان، جىنەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ھەر خىل پۇتبول كوماندىلىرى تەركىبىدە مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «ئەرپاتتەك پۇتبول چولپانلىرى ھەمدە باشقا داڭدار شەخسلەرنىڭ بىگۇناھ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دۇنياغا نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» چاقىرىقى نارازىلىققا دۇچ كەلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا قانۇن ماقۇللاپ، ئىسلام دىنىنى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي «خىتايلاشتۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتايدىكى سەككىز ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ «ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ئىسلام دىنىغا دائىر ھەرقانداق پائالىيەتلەر، جۈملىدىن دىنىي ئىسىملارغىچە مەنئى قىلىنىۋاتقان شارائىتتا «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› شوئارى ماھىيەتتە ئىسلام دىنىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق» دېدى.

«ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى» گۇرۇپپىسى ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمىدى

15-دېكابىردا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقنى كۆتۈرگىنىچە ئىستانبۇلدىن پىيادە يولغا چىقىپ پايتەخت ئەنقەرەگە ماڭغان «ئۇيغۇر ئەركىنلىك مارشى» گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇرلار 3-يانۋار كۈنى ئەنقەرەگە يېقىن كەلگەندە تۈرك ساقچىلىرى ئۇلارنى توسۇۋالدى.

تۈركىيە ساقچىلىرى يۈرۈشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەگە بېرىشىغا، شۇنىڭدەك تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغانغا خەت تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار يولغا چىققاندا توققۇز كىشى بولۇپ، ئەنقەرەگە ئاز قالغاندا ئۇلارنىڭ سانى 70 كە يەتكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تۈركىيە خەلقىگە ئاڭلىتىش ھەمدە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئىككى مىڭ قازاق مەھبۇسنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلمەكچى بولۇشى غۇلغۇلا قوزغىدى

لاگېرلار مەسىلىسى ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولغان بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، لاگېردىن قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان ئىككى مىڭ كىشىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقاش قارارىغا كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. ئەكسىچە خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ ئېھتىياجى» دېدى.

چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشى دۇنيانى قايىل قىلالمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا رۇسىيە، قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق خىتاي بىلەن «دوستانە» مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتقان 12 دۆلەت دىپلوماتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ ۋەكىللەر ئۆزلىرى بارغان «مەركەز» لەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەر خىل تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ» بۇ جايغا «ئىدىيەسىدىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە كەلگەنلىكى» نى ئاڭلىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رېچاردسون بۇ زىيارەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان «يالغان» زىيارەتكە ئالدانماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.