رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاتالمىش «22-ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى» نىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 8-يانۋار كۈنى خەۋەر بېرىپ، ساقچىلارنىڭ خوتەندە 3 نەپەر «تېررورلۇق شايكىسى» نى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 2015-يىلى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «22 -ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى ئاتالمىش «22-ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى» ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن بولۇپ، تاشقى دۇنيادىن سىر تۇتۇلغان بۇ خىلدىكى ۋەقە-ھادىسىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىر يىل 9 ئاي يوشۇرۇن تۇتقان ئاتالمىش «22-ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى» نىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا ئۈندىدى.
ئونسۇ ناھىيەسى ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان بىسلىق سايمانلارغا ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى ئويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن خوتەن قاراقاشتىكى ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا بەزى رادىكال خاراكتېرلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان.
ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى لۇڭچۈەن ئاھالىلەر كومىتېتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئائىلىلەردە ئىشلىتىدىغان پىچاق تۈرىدىكى بارلىق تىغلىق سايمانلارغا ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى ئويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر بۇ بەلگىلىمىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى چەكتىن ئاشقان تەقىب سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۆۋەنگە چۈشكەن ئۇيغۇر كادىرلار يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ئائىلىلەرنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىن 200 مىڭ كادىرنى سەپەرۋەر قىلىپ خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەشكىللىگەن ۋە ئۇلارنى قەرەللىك ھالدا يېزا-كەنتلەرگە «مۇقىملىق خىزمىتى» ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىدى.
«ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن تۆۋەنگە ئەۋەتىلگەن بۇ زور كۆلەملىك كادىرلار قوشۇنى ئۆتكەن ئىككى يىلدا زادى قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؟
بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم بىر ئورگاندىن خوتەندىكى مەلۇم بىر يېزىغا ئەۋەتىلگەن غىياسىدىن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى «نۇقتىلىق نوپۇس» تىزىمىغا ئېلىنغان ئائىلىلەرنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇما ناھىيىسىدە ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بولۇپ، دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ كەچ سائەت 9:00 دىن كېيىن چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈشىنى بۇيرۇغان
خىتاي تاراتقۇلىرى 8-يانۋار كۈنى خوتەندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر گۇماندارنىڭ 2015-يىلى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «22-ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن ئىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا خىتاي ئاخباراتتىن سىر تۇتقان مەزكۇر ۋەقەنىڭ گۇما ناھىيە كۆكتېرەك بازار تۆۋەنقۇم كەنتىدە يۈز بەرگەنلىك ئېھتىماللىقى مەلۇم بولماقتا.
گۇما ناھىيەسىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شەنبە كۈنىدىن باشلاپ گۇما تەۋەسىدە 1 -دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كەچ سائەت 9:00 دىن كېيىن چىراغلىرىنى بىردەك ئۆچۈرۈشى بۇيرۇق قىلىنغان.
تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىتا جاۋاب قايتۇرغان
ئىستانبۇلدىكى رەينا كېچىلىك كۇلۇبىنى قانغا بويىغان تېررورچىنىڭ كىملىكى تېخى دەلىللەنمىگەن ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق 5-يانۋار كۈنى بايانات بېرىپ، «تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى» دېگەن ئىدى.
ۋەيسى قايناقنىڭ بۇ سۆزى پۈتۈن دۇنيادىكى، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. 11-يانۋار كۈنى ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرككە جاۋاب مەكتۇپ يېزىپ، بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرگەن.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناقنىڭ 5-يانۋاردىكى باياناتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى، دېدى.
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن 22 نەپەر توشقان ئوۋچىسى تۇتقۇن قىلىنغان
28-دېكابىردىكى قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم بىناسىغا قىلىنغان ئاپتوموبىللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋەزىيىتىدە پەۋقۇلئاددە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
رادىيومىزنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، 200 گە يېقىن كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئەتراپنى ئەنسىزچىلىك قاپلىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قاراقاشتىكى بۇ قېتىملىق چوڭ تۇتقۇندا ھۇجۇم گۇماندارلىرى بىلەن بىللە، ئىلگىرى توشقان ئوۋلاشقا چىققان 22 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.