ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-يانۋاردىن 15-يانۋارغىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاتا سىياسەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، 2016-يىلىنى «13-بەش يىللىق پىلان» نى يولغا قويۇشنىڭ تۇنجى يىلى، يەنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى» دەپ جاكارلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزىدىغان كېيىنكى بەش يىللىق سىياسەتلىرى ۋە رايوننىڭ «مۇقىملىقى» نى ساقلاشتىكى يېڭى چارە-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ «12-بەش يىللىق پىلانى» جەريانىغا باھا بېرىپ، «بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ئەڭ ئېغىر بولغان شۇنداقلا ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلگەن بىر جەريان بولدى» دېدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاتا سىياسەتلىرىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى.

باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ 6 نەپەر ئەمەس، بەلكى ئاز دېگەندە 9 نەپەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى 18‏-سېنتەبىردە بايدىكى سوغان كۆمۈركانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئارىدىن 56 كۈن ئۆتكىچە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن ئىدى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ كېيىنچە كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ۋەقەدە 3 نەپەر رەسمىي ساقچى بىلەن 2 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، گۇماندارلارغا قوغلاپ زەربە بېرىش جەريانىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت توختىنىيازنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدىكى گۇماندارلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى جەريانىدا باي ناھىيىلىك ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ كېيۈن قاتارلىق 3 ساقچىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى ئاشكارا بولماقتا. بۇ ئۇچۇر باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ خىتاي ئېلان قىلغاندەك 6 نەپەر ئەمەس، بەلكى ئاز دېگەندە 9 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قىزىل يۇقۇمىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدىكى ناھىيەلەرگە تارقالغانلىقى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى غۇلجا قاتارلىق جايلاردا قىزىل كېسىلى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر دۇنيا سەھىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىن داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلىشى داۋامىدا قىزىل يۇقۇمىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرىگە جىددىي رەۋىشتە تارقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

پەيزىۋات ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تېببىي خادىملار ناھىيەدىكى كۆپلىگەن شەخسىي شىپاخانىلارنىڭ قىزىل يۇقۇمى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە قىزىل يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار 96 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەيزىۋات ناھىيەسىدە يۇقۇملانغانلار 40 تىن ئاشىدىكەن.

خوتەندىكى ساقچىخانىلار تايلاندتىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندتىن 109 نەپەر ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

رادىئومىز ئۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىنىپ تېلېۋىزىيىدە «توۋا» قىلدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قالغان يۈز نەچچە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئاخباراتلاردىن يەنىلا قاراڭغۇ تۇرماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بىر قىسمى خوتەن ۋىلايىتىدە سوتلانغان بولۇپ، خوتەندىكى ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ھەقتە سىرتقا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، تايلاندتىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار دېلوسىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇمىدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» تا ئۈنۈم يارىتالمىغان ئوقۇتقۇچىلار «كوللېكتىپ كۈرەش» كە تارتىلماقتىكەن

ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق ئوقۇتۇشقا مەركەزلەشكەن مائارىپ سىستېمىسىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئومۇملاشتۇرماقتىكەن.

خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» تا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن پىرسەنتكە يەتكۈزەلمىسە مەۋسۇم ئاخىرىدا مەكتەپ بويىچە «كوللېكتىپ كۈرەش» كە تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيە تەۋەسىدە نوقۇل ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان بىرمۇ مەكتەپ قالمىغان بولۇپ، «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى توقۇمىچىلىق سانائىتى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى «زور تەۋەككۈلچىلىك» دەپ ھېسابلىماقتا

ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر بازىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئىگىلىشىچە، خىتايدىكى ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 60% ئى مەزكۇر رايونغا مەركەزلەشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سانائەت رايونلىرىغا يۆتكەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىدىغان توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىغا ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقارغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ پىلان رايوندا ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىماقتا.