خوتەن «گۈزەل ماكان ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ئەكبەر ئىمىن 25 يىللىق كېسىلگەن
جەمئىيەتتە «ئەكبەر دالۇ» دەپ تونۇلغان، بايلىق جەھەتتە خوتەندە ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلەردىن سانىلىدىغان 51 ياشلىق كارخانىچى ئەكبەر ئىمىن 2018-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان.
مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋە باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىشى نەتىجىسىدە، ئەكبەر ئىمىننىڭ چېگرادا سودا رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 25 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئىگىلىشىمىزچە، ئەكبەر ئىمىن تىجارىتىنى قاشتېشى سودىسىدىن باشلىغان.
خوتەندە ئولتۇراق ئۆي-بىناكارلىق ساھەسىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دەسمايىسى بىر مىليارد يۈەندىن ئاشقان. ئەكبەر ئىمىننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى، ئۇنىڭ سودا ئورتاقلىرى بولغان ئىككى قېرىندىشى ۋە بىر ئوغلىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋاملاشماقتا.
خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىگە قاراتقان تەشۋىقات ھۇجۇمىنى داۋام قىلماقتا
01-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيسالارنىڭ يۇرتىدىكى بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، خىتاي تارقاتقان ۋىدىيودا پەقەت ئىككى نەۋرىسى ۋە ئىككى بالىسىنىڭلا كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي مېنى يالغانچى دېمەكچى بولسا، مېنىڭ باشقا پەرزەنتلىرىمنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى كۆرسەتسۇن» دېدى.
دولقۇن ئەيسا بولسا دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەرشارى ۋاقتى گېزىتىدىن ئۇققان. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ دادامنىڭ قاچان ۋە نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىسۇن» دېدى. خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قاراتقان ھۇجۇمىنى كۈچەيتمەكتە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دۇنياۋى تەھدىت»
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 14-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق دوكلاتىغا «خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دۇنياۋى تەھدىت» دەپ نام بەردى.
مەزكۇر ئورگاننىڭ دىرېكتورى كەن روس باياناتىدا «دۆلەت ئىچىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى بېسىمغا تايىنىپ ساقلاپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئاساسىدا قۇرۇلغان ئورگانلارنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا» دېدى.
كەن روس ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېر ۋە باشقا زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارىتا خەلقئارادا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس چىقماسلىقىنى مانا بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە كۆرسەتتى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.
خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيىمۇ بۇ يىللىق دوكلاتىدا «دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ تاراتقۇلار ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن
12-يانۋار كۈنى، بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.
خەلقئارالىق سارايېۋو ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «خەلقئارا ياشلار كۇلۇبى» ۋە «مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى» قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇڭلار»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلسۇن» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.
نامايىشچى ياشلار خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى مۇسۇلمان بوسىنىيەلىكلەر 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە داۋام قىلغان ئۇرۇشتا سېربلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.
ئون مىڭلارچە جانغا زامىن بولغان بۇ قىرغىنچىلىق ب د ت ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە 1995-يىلى دېكابىردا رەسمىي ئاخىرلاشقان.
ئاتۇشتىكى 90 ياشلىق دىنىي زات ئاۋۇدىن ئايۇپنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى مەلۇم
ئاتۇشتىكى 90 ياشلىق دىنىي زات ئاۋۇدىن ئايۇپنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئاتۇش شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى سوڭ كەيسەينىڭ «پارىخورلۇق» داۋاسىغا ئائىت ئاشكارىلانغان بىر سوت ھۆكۈمىدە، ئاۋۇدىن ئايۇپنىڭ 2017-يىلى ماي ئايلىرىدا ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا نازارەت ئاستىدا داۋالىنىشقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ئۇنىڭ «نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش ئوبيېكتى» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى تارقاتقۇچى» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
دىنى زات ئاۋۇدىن ئايۇپنىڭ ئامېرىكادىكى جىيەن قىزى مارىيە مۇھەممەتمۇ تاغىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىدىن 2019-يىلى فېۋرالدا خەۋەر تاپقان. دىنىي زات ئاۋۇدىن ئايۇپ ئاتۇش بوستان مەھەللىسى قايراق مەسچىتىنىڭ 30 يىللىق ئىمامى بولۇپ، يۇرت ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەرلەردىن ھېسابلىنىدىكەن.
ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەكتۇپ يوللاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
15-يانۋار كۈنى، خەلقئارا ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھەرقايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە مەكتۇپ يوللاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.
ئۇلار، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى بارلىق كىشىلەرنى چاقىرىق خېتىگە ئىمزا قويۇش ۋە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە يوللاپ بېرىشكە چاقىرغان.
«ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» چاقىرىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، ئىسلام ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى لازىملىقى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقىنى تاكى ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقۇچە بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇپ ئاساسلىق پاكىستان، ھىندونېزىيە، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە يوللىنىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئويغىتىشتا مۇئەييەن رول ئوينىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00