ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.01.18
ilham-toxti-2019-xatire.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنىڭ خاتىرىسى. 2019-يىلى 15-يانۋار.
RFA

«ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە نۇسخىسى نەشردىن توختىدى

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە نەشرى 2019-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ توختىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئىلى كەچلىك گېزىتى» 26 يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا مەلۇم قىزىقىش قوزغىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە مەنئى قىلغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇ دولقۇننىڭ نەشرىيات ساھەسىگە ئۆتكەنلىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە زور ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا.

دوكتور ساجىدە تۇرسۇن لاگېرغا قامالغان

ساجىدە تۇرسۇن 1986-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە ئىچكىرى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 2016-يىلى گېرمانىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقاندا ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى ئوقۇش ھاياتىدا كېيىنكى خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا تەسىر يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ساجىدە تۇرسۇن ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتناشمىغان ئىكەن.

كىچىكىدىن خىتاي تىلىنى ئانا تىلىدەك ئۆگەنگەن ۋە گېرمانىيەدە دوكتورلۇقنى ئالغان ساجىدە تۇرسۇننىڭ لاگېرغا سولىنىشى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتنىڭ ساختىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

پەرھاتجان غوپۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالدى

تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھال يېقىندا تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ پەرھاتجان غوپۇرنى تۇتقۇن قىلىشىدا يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن پەرھاتجان غوپۇر ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر بولۇپ، ھېچقاچان تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ بىرەر ئىش-ھەرىكەتتە بولۇپ باقمىغان ئىكەن.

ئالاقىدار سوت مەھكىمىسى پەرھاتجاننىڭ «تېررورلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇشقا تەييارلانغان. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى سانىيەنىڭ نارازىلىق ئەرزى قىلىشى بىلەن ئۇنى ھازىرچە خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى مالايسىيا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

مۇشۇ ھەپتە د ئۇ ق نىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى تەكلىپكە بىنائەن مالايسىياغا بېرىپ، مالايسىيانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

پائالىيەت جەريانىدا د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكى مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋان ئەزىزە خانىم، شۇنداقلا دىنىي ئىشلار مىنىستىرى، مالايسىيا ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق خادىملار بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەردە بولغان. شۇنىڭدەك مالايسىيادىكى 18 مۇستەقىل ئورگاننىڭ ئورتاق قوللىشى بىلەن «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قۇرۇش قارار قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە مالايسىيا ئىزچىل كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئىسلام دۇنياسىغا ئۈلگە بولماقتا ئىكەن.

قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا ئىلھام توختى ئەسلەندى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقى سەۋەبلىك «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلىدا ھەر ساھە كىشىلىرى ئىلھام توختىنى يەنە بىر قېتىم ياد ئەتتى.

15-يانۋار كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى بىلەن بىرلىكتە تېخىچە قاماقتا تۇرۇۋاتقان سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەرمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىلھام توختىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ 2019-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى

«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ مۇشۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان 2019-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە ئىرقىي تازىلاش قىلمىشى مەخسۇس بايان قىلىندى.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانداق پەردازلاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارنىڭ ماھىيىتى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كۆپلىگەن ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى دوكلات خەلقئارا جامائەت ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە ئەڭ نوپۇزلۇق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.