دىنىي مەھبۇسنىڭ ئايالى: ئېرىم ناھەق جازالاندى
خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-2007-يىللىرى ئىلى تەۋەسىدە كەڭ كۆلەملىك دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ساقال قويغان، رومال ئارتقان، رۇخسەتسىز تەبلىغ قىلغان ۋە ھۆكۈمەت بېكىتكەن مەسچىت ئىماملىرىغا ئىقتىدا قىلىشنى رەت قىلغان نۇرغۇن ئەر، ئايال ئۇيغۇر دىنىي زات ۋە دىندار كىشىلەرنى قولغا ئالغان ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.
غۇلجا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق غوجا ئەخمەت نىياز شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا قولغا ئېلىنىپ، قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىرى. غوجا ئەخمەت نىياز 2008-يىلى 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ئۇنىڭ جازا مۇددىتى 2014-يىلى 5-ئايدا توشىدۇ. غوجا ئەخمەت نىيازنىڭ ئايالى ئايشەم خانىم ئېرىنىڭ ناھەق جازالانغانلىقىنى ئەمما ئۇنىڭ تۈرمىدىن تېزرەك چىقىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
14 ياشلىق يارىدار دوختۇرخانىدىن قاماقخانىغا ئېلىپ كېتىلدى
2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مەزگىلىدە پۇتىغا ئوق تېگىپ كارىۋاتتا ھوشسىز ياتقان 14 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا دوختۇر-سېسترالارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تۇتۇپ كېتىلگەن.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە ئۈرۈمچىدىكى مىللىي شىپاخانىدا يۈز بەرگەن. شىپاخانىغا شۇ كۈنى تاڭ ئاتقىچە كېلىدىغان يارىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.
6-ئىيۇل مىللىي شىپاخانىنىڭ بارلىق بۆلۈملىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىنغان. ساقچىلار يارىدارلارنىڭ ھەممىنى يۆتكەپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. دوختۇرلار ئارىدا بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، كارىۋىتىدىن يۆتكەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ساقچىلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغان، ئەكسىچە دوختۇرلارغا تەھدىت سالغان.
نەتىجىدە 5-ئىيۇل مىللىي شىپاخانىغا ئەكېلىنگەن يارىدارلارنىڭ ھەممىسى، 6-ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن نامەلۇم بىر جايغا يۆتكەپ كېتىلگەن.
دوكلات: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلاشقان كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىستېمىلاشقان كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2012-يىلدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بىر پارتىيە ئىستىبداتلىق تۈزۈمىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە، ئاخبارات، تور ۋە نەشرىيات ساھەسىگە چەكلىمە قويۇپ، تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ھۆكۈمەت تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ سىستېمىلاشقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزدى. دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزىنى ئىپادىلەش كەسكىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. سىياسىي غەرەزلىك قولغا ئېلىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە بولۇپ قالدى» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە توختىلىپ: ھۆكۈمەت قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان يۈزلەرچە كىشىنىڭ ھېسابىنى بەرمىدى. تۇتقۇنلارنىڭ خورلانغانلىق ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىق قىلمىشىنى تەكشۈرمىدى دەپ كۆرسەتكەن.
نازارەت ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان باققالنىڭ شىكايىتى: مېنىڭ مەھبۇستىن پەرقىم نېمە؟
ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يەنە مۇقىملىققا تەھدىت دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار، بەزلىرى ئۆيىدە، بەزىلىرى ئىش ياكى تىجارەت ئورنىدا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. باققال ھېلاجى ئەنە شۇلاردىن بىرى.
ھېلاجى ئەسلىدە قەشقەر توققۇزاقتىن بولۇپ، 10 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلماقتا. 2009-يىلدىكى« 5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇنىڭ 19 ياشلىق ئوغلى ئالىمجان، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ھېلاجى شۇنىڭدىن بۇيان ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.
ھېلاجى ئوتكەن 6 كۈندىن بېرى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى مېۋە-چېۋە بازىرىدا بىر گۇرۇپپا ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا خېرىدار چاقىرماقتا. نەتىجىدە باققالنىڭ سودىسى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 500 يۈەن كېمەيمەكتە. باققال ئۆز-ئۆزىگە «مەن جازا لاگېرىدىكى مەھبۇسمۇ ياكى ئەركىن بازاردىكى تىجارەتچىمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدىمەكتە.
ۋاشىنگتوندىكى يىغىندا ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىسى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان خىتايدىكى مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىندا بېسىم سىياسىتىنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ نېگىزى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
بۇ سۆزلەر «خىتايدىكى قەرەللىك بومبا: خىتاي يېڭى رەھبەرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېتنىك كرىزىس» ناملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىننى ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىدىغان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى «رايوندىكى ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبچىسى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك، ئېتنىك زىددىيەتلەرنىڭ خىتايدا خۇددى پارتلاش ئالدىدا تۇرغان قەرەللىك بومبىغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلەرنى مەسىلىگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى.
ئۇيغۇر دېھقانلىرى «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» غا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانماقتا
ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، «دېھقانلارغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ، مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان سۇغۇرتىغا سىياسىتى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي يۈك بولۇپ قالغان.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا «ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» ۋە «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» نى ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خوتەن گۇما ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئالىدىغان 60 يۈەن مائاش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپلا نامراتلىقتا، قاتتىقچىلىقتا ياشاشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يىللىق كىرىمى ئىككى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشى بېشىغا يىلىغا يۈز يۈەندىن چىقىم قىلماق ئىنتايىن قىيىن ئىكەن.