ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-يانۋاردىن 1-فېۋرالغىچە)

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچى مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيەنىڭ بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ 2017-يىلى 1-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقاندىن كېيىنلا ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەمەتيۈسۈپ راخماننىڭ ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا ئوڭئېرىق كەنتىگە نوپۇسلۇق ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە ئاتۇشتىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، 1995-يىلى تۇغۇلغان مەمەتيۈسۈپ راخمان بىر مەھەل «دۇتار شاھى» دەپ نام ئالغان ئابدۇرېھىم ھېيتقا شاگىرت بولغان ئىكەن. شۇنىڭدەك تۈركىيەدە ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىكەن.

تىجارەتچى مەمەتجان ئېلى جىنازا نامىزىدا تەكبىر ئىشارىتى قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان

يېقىندا ئاتۇش شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق تىجارەتچى مەمەتجان ئېلىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىدە ئۇنىڭ 15 يىل ئىلگىرىكى بىر جىنازا نامىزىدا تەكبىر ئېيتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجان ئېلى ۋە ئۆمەر ئېلى ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلغانلار بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى تېلېفونلىرى بويىچە يۇرتىغا قايتقان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ھادىسىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپلىگەن دىنىي ئادەتلەر «ئەسەبىيلىك» دەپ بېكىتىلگەن.

سېناتور بوب مېنېندىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىردى

يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن بوپ مېنېندىز ئەپەندى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولغان CNN نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى.

بوپ مېنېندىز ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا بوپ ئەپەندى يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

غەرب تەتقىقاتچىلىرى خىتايدىن سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپادا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى ھەققىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 40 نەچچە ئالىم ۋە مۇتەخەسسىس بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى تېزدىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئالىملار ئىمزا قويغان بۇ قېتىمقى بىرلەشمە بايانات 28-يانۋار كۈنى بېلگىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن بولغان «ھۆرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى باياناتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى ئالداش مەقسىدىگە يېتەلمىگەنلىكىنى بىۋاستە كۆرسەتتى.

بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى بەش نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى ھۆكۈم قىلدى

2017-يىلى ئىيۇلدا بەش نەپەر ئۇيغۇر ياش «قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكەن» دېگەن ئەيىب بىلەن بۇلغارىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان د ئۇ ق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائال كۈچ چىقىرىشى بىلەن يېقىندا بۇلغارىيە سوت مەھكىمىسى بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەش ئۇيغۇر ياش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، تۈركىيەگە چىققانلار ئىكەن.

ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى كەچمىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ياۋروپاغا بېرىشتا قانۇنسىز يول ئارقىلىق مېڭىشنىڭ ئېغىر بەدەللەرگە ئاپىرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى.

ئىلھام توختى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئاشكارا سۆز قىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتتى.

بۇ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، كورىي گاردنېر قاتارلىق 13 كىشى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق بىر نامزات» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپادىكى بىرنەچچە خەلقئارالىق تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىدى.