ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.02.08
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەندى

يېقىندا «زىمىستان» تورى ئۇيغۇرلار دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى سۈيجياگو تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ئالاقىدار خادىملار بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى رەت قىلمىدى. 

خەلقئارادا لاگېرلار مەسىلىسى بەس-مۇنازىرە قوزغىغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن 500 مىڭچە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ شەنشى، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان. 

ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا چاغان بايرىمىنى تەبرىكلىشى ئومۇملاشتۇرۇلغان

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىپادىلەندى. 

ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر مۇسۇلمانلارنى چاغانلىق پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى خىتايچە يوسۇندا چاغاننى تەبرىكلەشكە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار تۈگرە يېيىش، خىتايچە ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ ياڭگېر ئۇسسۇلى ئويناش، شىر ۋە ئەجدىھا ئوينىتىش، ئىشىكلەرگە خىتايچە مەسنىۋى چاپلاشقا، پانۇسلارنى ئېسىشقا مەجبۇرلىغان. 

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن چاغان ئۆتكۈزمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا بۇنداق پائالىيەتكە تەشكىللىشى نوقۇل مەدەنىيەت جەھەتتىكى تازىلاش قىلمىشى» دېدى. 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا چەتئەل زىيارەتچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يەنە ساختا سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش مەقسىتىدە يېقىندىن بۇيان كېلىش ئېھتىمالى بولغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئالداش ئۈچۈن ساختا مەنزىرە ھازىرلىماقتا ئىكەن.

يېقىندا رادىيومىزغا يېتىپ كەلگەن بىر پارچە ئىنكاستا خوتەن رايونىدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «لاگېر تۇتقۇنلىرى» بولۇپ ياساندۇرۇلغان ھەمدە ئۇلارغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىپ قالسا ئۆزلىرىنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېيتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن. 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى مۇشۇ خىلدىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ جايدىكى كۇرسانتلارنىڭ «خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە تىل ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىۋاتقانلىقى» نى كۆرگەن ئىدى. 

ھەبىبۇللا مۇھەممەت ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بازىرىنى ئاچتى

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى يوقىتىش نىشانىغا ئايلىنىۋاتقاندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياش ھەبىبۇللا مۇھەممەد ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈردى. 

مەلۇم بولۇشىچە، ھەبىبۇللا 2014-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ سودا قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تاۋارلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ساھەگە دائىر كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالغان. 

ھەبىبۇللا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى، شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئارزۇ قىلماقتا ئىكەن. 

خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

يېقىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ دۇنياغا كېڭىيىشى ھەمدە ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرى توغرىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خۇدسون ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. 

يىغىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم كاتتون ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ «كوممۇنىزمنىڭ بۇ خىلدىكى زىيانكەشلىكى ۋە زۇلۇمىنى ئۇيغۇرلاردىنمۇ بەكرەك تارتقان باشقا بىر خەلق يوق!» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە بۇنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» خاتىرىلەندى

5-فېۋرال كۈنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەپ، 1997-يىلىدىكى غۇلجا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 

ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى نارازىلىق نامايىشى ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدلەرگە ئېھتىرام بىلدۈردى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەشتە نامايىشتىنمۇ كۈچلۈكرەك ئۇسۇل يوق» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.