ھەپتىلىك خەۋەرلەر (4-فېۋرالدىن 10-فېۋرالغىچە)

0:00 / 0:00

خوتەن دېھقانلىرى: «مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنىشى» ھاشارنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 4-فېۋرال كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېزىلاردىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر دىيارىدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھالىدىن كەتكۈزگەن ھاشار سېلىقى راستىنلا بىكار قىلىندىمۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، ئۇچتۇرپان قاتارلىق جايلىرىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى گەرچە ھاشارنىڭ قىسمەن شەكىلدىكى تۈرلىرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما شەكلى ئۆزگەرگەن ھەقسىز ئەمگەكنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا تەشكىلاتلار «5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى

ئۆتكەن ھەپتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نامايىش، يىغىلىش، خەتمە قۇرئان ۋە باشقا تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 1997‏-يىلى يۈز بەرگەن 5‏-فېۋرال «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھەق -ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندىدى.

مەزكۇر باياناتتا «5-فېۋرال ۋەقەسى» دە 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى گۇۋاھچىلار، ھەقىقىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى شالغۇت ئائىلىلەر خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكى سىياسىي تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلانغان

چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ يىللىق چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىدىن بەرپا قىلىنغان شالغۇت ئائىلىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن سابىق ئۇيغۇر ساقچى ئۆزىنىڭ ھېچقاچان پۇشايمان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ساقچىلارنىڭ چارچاپ ئۆلۈش ھادىسىسى بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇلارنىڭ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىش ئەھۋاللىرىنىمۇ كۆپەيتكەن.

خىتاي دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ 2008‏-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن بىر نەپەر سابىق ئۇيغۇر ساقچىسى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە، چەتئەلدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان بۇ سابىق ساقچى خادىمى، «ئىستېپادىن كېيىن ئاشخانىدا قاچا يۇدۇم، تاغدا مال باقتىم، لېكىن ئەسلا پۇشايمان قىلمىدىم» دېدى.

شاھىتلار مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى جەريانىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاتتى

مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر 1987-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1988-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا سابىق غەربىي گېرمانىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

زوردۇن سابىرنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان «ياۋروپاغا سەپەر» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز سەپەرنىڭ يادنامىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

ئارىدىن 29 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە چەتئەللەردىكى ھايات شاھىتلار يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھەققىدە ئۆز دەۋرىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئېيتالمىغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلاتتى.

غۇلجا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان كۆمۈر گاز زاۋۇتىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا بولغان تەسىرى ئەندىشە قوزغىماقتا

غەربىي رايونلاردىكى كۆمۈر زاپىسىنى گازغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقتىكى ئۆلكىلەرنىڭ يېقىلغۇ ئېھتىياجىنى قامداش خىتايدا 2014‏-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈر بويىچە غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىدىن 50 نى قۇرۇشنى پىلانغا كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتى ئەنە شۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» 7‏-فېۋرال كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ رايوندىكى ھاۋا كىلىماتىغا ئېغىر بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.