ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.02.15
hepte-torbet20190215.jpg ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشلانغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى
Social Media

بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سىچۈەندىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى دەلىللەندى

«زىمىستان» تورى يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن زور ساندىكى مەھبۇسلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ تۈرمىسىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى دەلىللەندى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلار تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدىكى قىسقا فىلىم زور غۇلغۇلا قوزغىدى

ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتاي لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ سۆزىنى سىنغا ئېلىپ تارقاتتى.

بۇ قىسقا سىن كۆرۈنۈشىدە ئابدۇرېھىم ھېيىت ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە «بۇ يەردە ھېچقانداق مەجبۇرلاش ياكى زورلاش بولمىدى» دەپ قوشۇمچە قىلىدۇ.

ئەمما خەلقئارادا مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ چىنلىقى ھەققىدە زور گۇمانلار تۇغۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي بۇنداق ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق دۇنيانى ئالداش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دېدى.

نەنسى پېلوسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلۇسى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «تەشەككۈر ئامېرىكا» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى مۇھىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ مىليونلاپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئەيىبلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نەنسى پېلوسى خانىم ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى 3-نومۇرلۇق مۇھىم شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بۇ قەدەر كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر يېڭى يۈزلىنىش ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇرلار قوزغىغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى تاراتقۇلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى

10-فېۋرالدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشلانغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە تېزدىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئاۋاز قوشتى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر ھەرىكەت تېزدىن كېڭىيىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭدەك بىر قىسىم غەربلىك ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا قارىتا «بىز ئۇنچە جىق ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى چىقىرىپ بولالمايمىز. بۇ پۈتۈنلەي يولسىز تەلەپ،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

12-فېۋرال كۈنى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى.

سوت ئېچىلغان كۈنى بەش يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى ئالدىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراقنى ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ چوڭايتىلغان رەسىملىرىنى كۆتۈرگىنىچە نامايىش قىلىپ «ئابدۇقادىر ياپچانغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

سوت جەريانىدا ئابدۇقادىر ياپچان ئۆزىگە ئارتىلغان تېررورلۇق بەتناملىرىنى ئىنكار قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي تېررورچىدۇر» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ داۋاملىق نازارەتتە تۇرىدىغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىملىق سوتنىڭ ماي ئېيىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر زور نومۇس» دەپ بىلدۈردى.

خەلقئارا جامائەت تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەيدانىنى قىزغىن ئالقىشلىدى ھەمدە باشقا ئىسلام ئەللىرىنى تۈركىيەدىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.