ھەپتىلىك خەۋەرلەر (11-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە)

0:00 / 0:00

شى جىنپىڭ زىيارىتىدە ئاقساراينى نارازىلىق سادالىرى قورشىدى

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇڭگۇڭچىلار، دېموكراتچى خىتايلار ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 13-فېۋرال ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن ۋە 14-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، مۇئاۋىن پرېزىدېنت جۇ بايدىن قاتارلىقلار بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەن.

ئاقساراي ئالدىدىكى نامايىش دەل چۈشتە رەسمىي باشلاندى.نامايىشچىلار توپى ئىچىدە، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلەر، موڭغۇللار، فالۇڭگۇڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى ھەتتا خىتايدا مەبلەغ سېلىپ زىيانغا ئۇچرىغان ئامېرىكىلىقلارمۇ بار ئىدى.

نامايىشچىلار «تېررورىست خىتاي»، «بىزگە ھۆرلۈك كېرەك»، «خىتاي دۇنيانى ئالداۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ»، «خىتاي قەتلىئامنى توختات» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

پرېزىدېنت ئوباما: بارلىق خەلقنىڭ ھوقۇق ۋە ئىستەكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 14-فېۋرال خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينى ئۆز خەلقنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما خىتاينىڭ تىنچ يوسۇندا تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئوباما خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش ھالقىلىق مەسىلىلەردە، ئۆزىمىز مۇھىم دەپ ئىشىنىدىغان ساھەلەرنى يەنى بارلىق خەلقنىڭ ھوقۇق ۋە ئىستەكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

ھالبۇكى، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىدىن يەنىلا رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئوبامادىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار ئوباماغا چاقىرىق ئېلان ئىلىپ، ئۇنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى چوقۇم تىلغا ئېلىشقا دەۋەت قىلدى.

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، جەيمىس مىكگوۋېرن قاتارلىق 13 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئوباماغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىممۇ «ھۇففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ «تىبەتلەرگە ئوخشاشلا بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز تەھدىتكە ئۇچرىماقتا، خىتاي بىزنىڭ تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ھۇجۇم قوزغىدى» دەپ يازدى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۈشكۈلاتلارنى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا قويۇش ۋە بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

410 مىڭ مو يايلاققا مۇناسىۋەتلىك 88-نومۇرلۇق ھۆججەتكە نۇر بەكرى قول قويغان

توقسۇنلۇق چارۋىچىلارنى 410 مىڭ مو يايلىقىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىۋېتىشكە بۇيرۇغان 88-نومۇرلۇق ھۆججەتكە، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى ئىمزا قويغان.

غولبۇيى يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، مەزكۇر يايلاقنىڭ ئۇيغۇر چارۋىچىلارنىڭ قولىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت چۈشۈرگەن 88-نومۇرلۇق ھۆججەت سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ ھۆججەتكە، تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى ئىمزا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 88-نومۇرلۇق ھۆججەت 2008-يىلى چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن توقسۇن چارۋىچىلىرى 410 مىڭ يايلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان.

تۇرپان ئايدىڭكۆلدە بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويغان 3 نەپەر ساقچى جازالانمىدى

تۇرپانلىق ئۇيغۇر ياش سالامجان سۇبايدىن ساقچىلارغا گەپ ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن تاياق يەپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان.

2009-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئايدىڭكۆل يېزا بازىرىدا ساقچىخانا باشلىقى يۈ شيەنفېڭ قاتارلىقلار سالامجاننى«ساقچى بىلەن تاكاللاشتى» دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى ھۇشسىزلانغىچە ئۇرغان. بۇنىڭدىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلمىغان خىتاي ساقچىلىرى ھوشسىز سالامجاننى كويزىلانغان ھالەتتە ساقچىخانىغا ئاپىرىپ يەنە ئۇرغان.

ئىككى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا 20، 30 ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 27 ياشلىق سالامجان سۇبايدىن ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن بۈگۈن ھەتتا ئۆز بالىلىرىنى تونۇيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

سەھىيە ئورۇنلىرى نۆۋەتتە سالامجاننى «ئىككىنچى دەرىجىلىك مەجرۇھ» دەپ بېكىتكەن، ئامما سالامجاننى بۇ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان خىتاي ساقچىلىرى جازاغا تارتىلمىغان.

قۇدرەتنىڭ ئۇيغۇرچە چۈش كۆرۈش ئارزۇسى

كىچىكىدىن باشلاپ خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلىنىپ، يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر ياش-قۇدرەت رادىئومىز زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىش جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا ئۇ، خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىش ئۆزىگە قالدۇرغان بەزى روھىي ئازابلارنىمۇ يوشۇرۇپ قالالمىدى.

قۇدرەت ئۆزىنىڭ بۇ خىلدىكى ئازابلىرىنى «ھەتتا ئۇيغۇرچە چۈش كۆرۈش، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم» دېگەن ئىبارىلەرگە يىغىنچاقلىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قۇدرەتنىڭ سۆزلىرىدىن نۆۋەتتە خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تېڭىرقاش ۋە ئىزتىراپلىرىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەكىللىرى كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى

7-فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئەركىنلىكلەر» ناملىق يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللەرمۇ قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننى كانادادىكى بىر قىسىم دىنىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تەتقىقاتچىلار پروفېسسورلار تەكلىپ قىلىنغان.

تورونتودا ياشايدىغان 20 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىمۇ مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئوڭچە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى شەربازخاننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى 3 ئايغىچە تەستىقلىمىدى

ئوغلى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن شەربازخان پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئوغلىنىڭ مېيىت نامىزىغىمۇ بارالمىغان.

ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى ھازىرغىچە تەستىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۈرۈمچىدە قالغان ئايالى ۋە باشقا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان.

شەربازخاننىڭ ئوغلى نۇرۇلئىسلام «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 2011-يىلى 13-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شەربازخان ئەسلى پاكىستانلىق بولۇپ، ئۇ ئوغلى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، پاكىستانغا مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.