گۇما ناھىيىسىدە ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 8 ساقچى ئۆلگەن، 30 نەچچە ساقچى يارىلانغان
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆتكەن جۈمە كۈنى گۇما ناھىيەسىدە ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.
گۇما ناھىيەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر رادىئومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، شۇ كۈنى كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ كېچىچە دوختۇرخانىغا كىرىپ-چىقىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن بېلىگە پارتلاتقۇچ بومبا تاڭغان شۇ يەرلىك بىر ئۇيغۇر ياش بىر ساقچىنى چىڭ قۇچاقلاپ باسقان. ئەتراپتىكى باشقا ساقچىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا بومبا پارتلىغان. بۇنىڭ بىلەن نەق مەيداندا 8 نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 30 نەچچە ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم.
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا يەنە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن
مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، پۇرچاقچى يېزىسى تەۋەلىكىدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر كىشى ئۆز ئۆيىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. يەنى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان. نەتىجىدە، ئامالسىزلىقتىن قولىغا پىچاق ئالغان بۇ ئۇيغۇرنى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئوق چىقىرىپ ئېتىپ تاشلىغان.
بۇ قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن كۆرۈشتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پارلامېنت ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن كۆرۈشكەن.
كۆرۈشۈشتە رابىيە خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتقان.
مەكگوۋېرن رابىيە خانىمغا ئۆزىنىڭ ئەڭ زور ئىمكانىيەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جېيمىس مەكگوۋېرن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تام لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئامېرىكا كونگرېسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان كىشىدۇر.
چەرچەندە بىر تۈمەن ئادەم ھاشارغا سېلىنماقتىكەن
رادىئومىزنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان مەزكۇر ناھىيىگە قاراشلىق ئىدارە-ئورگانلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلار مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىنىپ، يول قۇرۇلۇشى ۋە قۇمدىن مۇداپىيەلىنىش توسۇقى ياساش ئەمگىكىگە سېلىنغان.
چەرچەندىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 5-فېۋرالدىن 12-فېۋرالغىچە بىر تۈمەن كىشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ھاشار شەكلىنى ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى مەلۇم.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چەرچەندە مەخسۇس قۇم توسۇق ياساش قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلغان ھاشار ئەمگىكىنىڭ 17 يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كەلپىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى پۇقرالارنىڭ يانفونىغا يېڭى سىمكارد تارقاتماقچىكەن
31-يانۋاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي يانفونلىرىنى باشقۇرۇش بويىچە يېڭى بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە يانفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا ئالاقە-ئۇچۇر ئۈسكۈنىلىرى ساتىدىغان دۇكانلار بىردەك خېرىدارلارنىڭ كىملىكى ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تىزىمغا ئېلىپ، ساقچىخانىلارغا يوللىشى تەلەپ قىلىنغان.
يېقىندا كەلپىن تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ يېقىندا كەلپىندە ئەمەلىيلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ پات يېقىندا ئاھالىلەرنىڭ يانفونلىرىدىكى كونا سىمكاردلارنى يىغىۋېلىپ، ئورنىغا يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان سىمكارد تارقىتىپ بېرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى كەلپىن خەلقى ئارىسىدا خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلماقتىكەن.
قاغىلىق ناھىيىسىدە ئاتا-بالا پىدائىيلارنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن
ئىككى كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاغىلىق نايىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، توقۇنۇشتا بىر دانە ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇلغانلىقى ۋە بىرقانچە كىشىنىڭ ئۆلۈپ-يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە 16-فېۋرال كۈنى كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا قاغىلىق ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم.
ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقە قاغىلىقنىڭ تۈگىچى يېزىسىدىكى ئاتا-بالا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ۋەقە جەريانىدا ئاتا-بالا ئىككىيلەن ئېتىۋېتىلگەن، يەنە بىر كىشى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.
قاغىلىق ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىكى بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى يارىلانغان ئىككى ساقچىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە باشقا ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.