«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» ئۇيغۇرلاردا قۇتلۇق بايرام كۈنىگە ئايلانماقتا
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش ۋە بۇ كۈننى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئىشى ئومۇملاشماقتا.
مەلۇمكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى 2000-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 21-فېۋرال كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل» كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
ئىجتىمائىي تارتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» دە ئۇيغۇر ئېلىدە ئانا تىلنى قوغداشنى تېما قىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئىنتايىن جانلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر مۇمكىنچىلىك يول قويغان دائىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش يولىدىكى كۈچلۈك ئىستەكلىرىنى ئىپادە قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا داۋاملىق تەھدىت سالماقتىكەن
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ يۇرتتىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى داۋاملىق تەقىب قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سالماقتىكەن.
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەلغەت ئابباسنىڭ ئايالى ئۆتكەن يىلى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا بارغاندا، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى مەلۇم. تەلغەت ئابباس يېقىندا سىدنېي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاغان كېچىلىكىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى چىقىرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆز ئائىلىسىگە قىلغان تەھدىتىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەننىڭ سىڭلىسى ئۆتكەن يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئىدى. كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختىنىڭ قاغىلىقتا ياشاۋاتقان 82 ياشلىق ئانىسى تۇرنىسا سادىقمۇ بۇ تەھدىتتىن خالىي قالمىغان. قوراللىق ساقچىلارنىڭ 82 ياشلىق موماينى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، 12 سائەت قاردا ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى مەلۇم ئەمەس
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2015-يىلى 8-ئايدا ئابدۇللا مەمەت، ئىسمائىل ھەسەن، مەتتۇردى قادىر، مەمەت يۈسۈپ مەتروزى، ھەمدۇللا ئىمىن، ئابدۇقادىر ساۋۇت قاتارلىق 6 كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرىدىن ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىدىكى گۇماندارلار بايقالسا دەرھال قولغا ئېلىشنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ 5- ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
رادىئومىز ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ساقچىخانىلاردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.
كەلپىندىكى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» دولقۇنىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى نىشان قىلىنغان
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ياز پەسلىدە كەلپىندە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك، چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئائىلىلەرنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
كەلپىننىڭ يۈرچى، گەزلىك، ئاچال يېزىلىرىدىكى ساقچىخانىلار بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ھالبۇكى، كەلپىندىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كەلپىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى
2015-يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا رادىئومىز ۋە دۇنيادىكى بىرقانچە چوڭ تاراتقۇلار ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.
ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ھالبۇكى، ئافغانىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇردى.
يېقىندا ئافغانىستانلىق ئىككى نەپەر شاھىت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئافغانىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن 24 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گويتېر «بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمى تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەس» دېدى
ئۆتكەن يىلى 31-دېكابىردا فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گويتېر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسى تۈپەيلى خىتايدىن قوغلانغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئەسلى ماقالىسى فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئىلگىرى بېرىلگەن خەۋەرلەردە مەزكۇر ماقالىدىكى قىسمەن مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەندىن باشقا، تولۇق مەزمۇنى يورۇتۇلمىغان ئىدى.
رادىئومىز يېقىندا ئۇرسۇلا گويتېر خانىم بىلەن ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئۇرسۇلا گويتېر خانىم «بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمى تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەس» دېدى.
ئۇ يەنە «تېررورلۇق» ئاتالغۇسى ۋە ئۇنىڭ خىتايدا تەتبىقلىنىشى، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.