ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە)
2020.02.28
بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى تاجسىمان ۋىرۇس دىئاگنوزى گۇمان قوزغىماقتا
ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا يۇقۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ قارالغان بىر قىسىم بىمارلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
غۇلجا شەھرىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان پېنسيونېر پەخرىدىن خېلىل ۋە ئۇنىڭ ئايالى رەيھانگۈل خانىم غۇلجادىكى دوختۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە «تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان» دەپ دىئاگنوز قويۇشىدىن باشقا دوختۇرلارنىڭ قوشۇلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاساسەن قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا.
نىگارەنىڭ قىسمىتى لاگېرنىڭ تېخىمۇ زور كۆلەم ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى
يېقىندا غۇلجادىكى نامەلۇم بىر لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن نىگارە ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرى ئىسپاتلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، نىگارە 2017-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان. ئۇ ئانا تىلىغا پۇختا بولۇشتىن باشقا يەنە خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن.
نىگارەنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇغقانلىرى بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى ئاكىسى بىلەن تېلېفون ئالاقىسىدا بولغانلىقى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى» نى قۇتلىدى
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى خەلقئارا «ئانا تىل بايرىمى» دا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان يۈكسەك سۆيگۈسىنى نامايەن قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە كونيا شەھەرلىرىدە، شۇنىڭدەك قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرقەدەر مەركەزلىك جايلاشقان جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە يەنە بىر قېتىم مىللەت ۋە ۋەتەن ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان دەرس بېرىلدى.
ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ بۇ بايرامنى قۇتلىدى. خىزمەت سەۋەبىدىن ئامېرىكاغا كەلگەن ئۇيغۇر ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت يىغىنلىرىدا تەكىتلەندى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا مۇشۇ ھەپتە ئېچىلغان بىر قاتار يىغىنلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت بىناسى ئالدىدا چېدىر تىكىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ھەمدە نەق مەيدان زىيارىتى ئارقىلىق يىغىن ۋەكىللىرىگە ئاڭلاتتى.
ئامېرىكادىكى «ئاۋاز» تورىمۇ مۇشۇ مەزمۇندا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ب د ت نى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرەر ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نىڭ چىنلىقىنى ۋاستىلىق ھالدا دەلىللىدى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى يالغانچىلىقلىرىنى كۈچلۈك ھالدا ئىنكار قىلغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ «ساختا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان ئىدى. كۈتمىگەندە بۇنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بولدى.
بۇ قېتىم ئېكرانغا چىقىرىلغان ئۇيغۇر شاھىدلار سابىق لاگېر مەھبۇسلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېرغا قامالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى دۇنياغا مەلۇم بولمىغان بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدامچىلىقى چېنىپ قالغان.
«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تۇغقانلىرىدىن روزىنىسا مەتتوختى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: «بۇ ھۆججەتلەرگە قارىسام مەھەللىمىزدە ئادەم قالمىغاندەك قىلىدۇ،» دېدى.
لاگېر ۋە ۋىرۇس مەسىلىسى خەلقئاراغا كۆپلەپ تونۇشتۇرۇلماقتا
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇشۇ ھەپتە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تونۇشتۇردى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە شىتاتىدا مەخسۇس ئىككى ھەپتىلىك يىغىن ۋە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى چاقىرىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇشلار تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.
ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھرىدە چاقىرىلغان «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.