ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-فېۋرالدىن 4-مارتقىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق 241 كىشى2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ يىللىق نامزاتلار ئىچىدە سابىق گېرمانىيە باش ۋەزىرى ھېلمۇت كوھل، لىبېرىيە پرېزىدېنتى ئەلېن جونسون ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.

2010‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شياۋبوغا بېرىلگەن ئىدى.

سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان شېئىرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن

ئۆتكەن ھەپتىدە كالىفورنىيىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى. بۇلارنىڭ بىرى، 24-فېۋرال كالىفورنىينىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان شېئىرىيەت كېچىلىكى.

24-فېۋرال سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شېئىرىيەت كېچىلىكىنى مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان «سەنئەت ۋە تەرجىمە» مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان.

پائالىيەتكە 100دىن ئارتۇق شائىر، سەنئەتكار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچىلار قاتناشقان. مەزكۇر پائالىيەتتە دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەرگەن.

پائالىيەتتە «سەنئەت ۋە تەرجىمە» مەركىزىنىڭ ئەزاسى، شائىر جېفري ياڭ ئىلگىرى مەزكۇر مەركەز نەشر قىلغان ئىنگلىزچە ئۇيغۇر شېئىرىيەت نەمۇنىلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان.

بېرىكلي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

ئۆتكەن ھەپتە كالىفورنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ يەنە بىرى، 25-فېۋرال سان فرانسىسكو شەھىرى يېنىدىكى بېرىكلي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور درۇ گلادنېي، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەردە دوكلات بەرگەن.

تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇتەخەسسىس دوكتور ماخەييۈن بىڭتۇەن ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك تارىخى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان.

خىتاينىڭ «چىڭخۇا» گۇرۇھى غۇلجا ناھىيىسىگە چوڭ تىپتىكى خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىكەن

ئىچكى موڭغۇلغا جايلاشقان خىتاينىڭ «چىڭخۇا» گۇرۇھى غۇلجا ناھىيىسىگە چوڭ تىپتىكى خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىكەن. خىتاي «پۇل-مۇئامىلە» تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ زاۋۇتقا «جىڭمى خىمىيە سانائەت باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن.

ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «خىمىيە سانائەت باغچىسى» غۇلجا ناھىيىسى ۋە غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق بىر قانچە يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي سېتىۋېلىش ئاساسىدا قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 22.7 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە رايوندىكى يەرلىك خەلق بۇ زاۋۇتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارمىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى ئاختۇرۇشقا دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى مەسئۇل بولماقتا

مەلۇم بولۇشىچە، «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالغان بولۇپ، خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى ئۆتكەن 3 ھەپتىدىن بۇيان دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىغان.

تەڭرىتاغ رايونىغا قاراشلىق مەلۇم ساقچىخانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نى ئاختۇرۇشقا دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كانادادىكى بى ئوتتۇرا مەكتېپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى قوللاش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرغان

1-مارت، كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسى بۇرلىڭتون رايونىدىكى سانت توماس مور كاتولىك ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ھۈسەيىن جېلىلنى قوللاش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرغان.

ھەرىكەت ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 41 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنىگە ۋە خىتاي تۈرمىسىگە قامالغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىغا توغرا كەلدى.

ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت جەريانىدا ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ تورونتودىكى كونسۇلخانىسىغا يوللىنىدىغان خەتكە 1000 كىشىلىك ئىمزا توپلىغان.

ئوقۇغۇچىلار يەنە، كانادا ھۆكۈمىتىگە 250 دانە تۇغۇلغان كۈن ئاتكرىتكىسى ئەۋەتىپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئەسلەتكەن.

ھۈسەيىن جېلىل 2006-يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.

تۈركىيىدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

2-مارت تۈركىيىدىكى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال رابىيە قادىر» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

يىغىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سەرگۈزەشتى ئاساسىدا يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنىڭ تۈركچە نەشرى ئاساسىدا ئېچىلغان.

بۇ يىغىننى ساكاريا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ساقچىلارنىڭ بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2-مارت خىتاي ھۆكۈمىتى كۇچا ناھىيىسىدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ساقچىلارنىڭ بىرلەشمە چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي كۇچادا ئېلىپ بارغان ئۇشتۇمتۇت چارلاش ھەرىكىتى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ناھىيىدىكى ھەر بىر ساقچى پونكىتىغا ئىككىدىن قوراللىق قىسىم ئەسكىرى قوشۇپ بېرىلگەن.

مەزكۇر ھەرىكەت ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار غەلىبىگە ئېرىشىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلدى.