ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29-فېۋرالدىن 6-مارتقىچە)

0:00 / 0:00

ASPI نىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «زامانىۋى قۇللۇق» سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ زور ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ ئورگان ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيە-شىنجاڭدىن ھالقىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نازارەت» ناملىق دوكلاتتىن قارىغاندا، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاز دېگەندە 80 مىڭ كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. بۇ ئىشچىلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ كۆپى خەلقئارالىق داڭلىق تاۋار ماركىلىرىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن. نۆۋەتتە، خەلقئارادا 80 دىن ئارتۇق داڭلىق تاۋار ماركا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالدى.

سايراگۈل ساۋۇتباي «جەسۇر ئاياللار خەلقئارا مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە غەرب دۇنياسىغا دەسلەپ گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلاردىن سايراگۈل ساۋۇتباي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىللىق «جەسۇر ئاياللار خەلقئارا مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

4-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سايراگۈلنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېردا باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەچ، ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىققانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى دۇنياغا پاش قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇ «سايراگۈل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر،» دەپ كۆرسەتتى. سايراگۈلگە بېرىلگەن بۇ مۇكاپات خىتاي ھۆكۈمىتىگە لاگېر مەسىلىسىدە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال، دەپ باھالاندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى ئېلان قىلماقچى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەمدە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا چېتىلىپ قېلىشى ئامېرىكىدا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو «قايتا تەربىيەلەش»، «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە ئومۇمىي نازارەت دېگەنلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇنى» نى ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ماشىنىلاردىن تارتىپ كومپيۇتېر ۋە كىيىم-كېچەكلەرگىچە 80 دىن ئارتۇق شىركەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن،» دەيدۇ.

قەشقەر يېڭىشەھەردىكى دېھقانلار: «دۆلەت خىزمەتچىلىرى تېخى تالاغا چىقمىدى، بىز ئېتىزلىققا ھەيدەلدۇق»


مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا بىر قىسىم ئاھالىلەر يېڭىشەھەردە كېسەل خەۋپى تېخى پەسەيمەي تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىزلىققا ھەيدەلگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تېخى ئىش ئورنىغا قايتمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك توشۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قەشقەردىكى كەنت كادىرلىرىدىن بىرى كېسەل خەۋپىدە تۆۋەنلەش بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىغان بولسىمۇ، تېرىقچىلىق مەزگىلى يېتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئامالسىز دېھقانلارنى ئېتىزغا چىقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، يېڭىشەھەردە كۆپ سانلىقى خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى تېخىچە خىزمەت ئورنىغا قايتمىغان. مەخسۇس تەيىنلىگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى توشۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىكى ئورتاق ئەندىشىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

4-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىكى ئورتاق ئەندىشىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ قارمىقىدىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىن، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان.

يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنسانىي مەسئۇلىيىتى»، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، بوب مېنەندەز ۋە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنى دىرېكتورى جوسېف دان قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىدىكى رولىغا يۈكسەك باھا بەردى.

ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ئاتاقلىق سەنئەتكار ئايتۇرغان ھەسەنوۋا ۋاپات بولدى

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا پېشقەدەم، ئاتاقلىق سەنئەتكار ۋە ناخشىچى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان ئايتۇرغان ھەسەنوۋا 2-مارت كۈنى 87 يېشىدا بىشكەكتە ۋاپات بولدى.

«سېغىندىڭمۇ؟» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇلغان ئايتۇرغان ھەسەنوۋانىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى ماتەمگە چۆمدۈردى.

ھاياتىنىڭ 70 يىلىدىن كۆپرەكىنى سەھنىدە ئۆتكۈزگەن ئايتۇرغان ھەسەنوۋا 1970-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچىدىكى تونۇلغان سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە ئون ئىككى مۇقامنى ئېيتىش ۋە پلاستىنكىغا ئېلىش ھەم رەتلەش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان.

تاشكەنتتىكى ئۆزبېكىستان رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا ئانسامبىلدا غوللۇق ناخشىچى بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن.

ئايتۇرغاننىڭ تۇنجى خاس ناخشا پلاستىنكىسى 1976-يىلى رەسمىي تارقىتىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغان.

ئايتۇرغان ھەسەنوۋانىڭ قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن سابىق سوۋېت ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئۇنىڭغا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس ئۇنۋانىنى بەرگەنىكەن.