ھەپتىلىك خەۋەرلەر (2-مارتتىن 8-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.08
erkin-asiya-radiosi-yengi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلار شەندوڭ ئۆلكىسىگە يۆتكەلگەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر مەھبۇسلىرىدىن بىر قىسمىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم بولدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ شەندوڭدىكى بىرنەچچە تۈرمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. 

گەرچە تۈرمە خادىملىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا دائىر ئۇچۇرلار «قەتئىي مەخپىي» شەكىلدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، تۈرمە خادىملىرى بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە ۋەدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان ئىكەن.

قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ 15 پىرسەنتى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن

يېقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالتە نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. 

سۇ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ خادىملارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھازىرغىچە نامەلۇم. ئەمما مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى يانفونلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆتكەن مەزگىللەردە قەشقەردىكى ھەرقايسى ئىدارە ئورۇنلىرىدىن زور ساندىكى ئۇيغۇر كادىرلار لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر «سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلار ئەڭ ئاز بولغان دېيىشكە بولىدۇ» دېدى. 

ئابدۇسالام تەكلىماكانى ھىندونېزىيەدە 20 مەيدان دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

تۈركىيەدىكى «يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكانى ھىندونېزىيەدىكى ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا 20 مەيدان دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

ھىندونېزىيەدىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ھىندونېزىيەگە بارغان ئابدۇسالام بۇ جەرياندا ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىكى بىلىم يۇرتلىرى، مەسچىتلەر ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە دوكلات بەردى. 

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا ھېندونېزىيەدەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار دۆلىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى

مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا مەكتۇپ يوللىدى. ئۇلار مەكتۇپتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا قارىتا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. 

مەكتۇپتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسى ئاللىقاچان ئايدىڭلىشىپ بولغان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. 

يەنە بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زور كۆلەملىك دىنىي زىيانكەشلىك» تېمىسىدىكى يىغىندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 

ب د ت دا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

6-مارت كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق بەش چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات د ئۇ ق بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 

بۇ يىغىندا لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، تەسىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان. شۇ ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقا 30 نەچچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىغا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاڭلىتىلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي دىپلوماتلىرى دولقۇن ئەيسانى «ب د ت دا سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك رەددىيەسىگە ئۇچرىغان. 

ئىلھام توختى يەنە بىر خەلقئارالىق مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقاندا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى «ئاۋام جاسارىتى مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇكاپات 2000-يىلى نيۇيورك شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان ئىكەن. ئۇ ئاساسەن زوراۋان ھاكىمىيەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلغان شەخسلەرنى تەقدىرلەش ئۈچۈن بېرىلىدىكەن. 

يېقىندىن بۇيان ئىلھام توختى بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپاتلارنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتلىنىشى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.