ھەپتىلىك خەۋەرلەر (7-مارتتىن 13-مارتقىچە)
2020.03.13
ئامېرىكانىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-مارت كۈنى 2019-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئىزچىل ئەڭ پاسسىپ ئورۇندا تۇرىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كەسكىن تەنقىدلىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دوكلاتنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشى ‹21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ› بولماقتا» دېدى.
زور ھەجىملىك بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىش ئەھۋالى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي مىسال قىلغان ھالدا لاگېرلار مەسىلىسى، سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق تېمىلار بويىچە تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنى ھەققىدە 11-مارت كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇ يىغىندا مەخسۇس سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا لاگېرلاردىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىشىنى «سېپى ئۆزىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ كۆرسەتتى.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە جىددىي تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئىچكىي ئەزالار سودىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئادەم ئىچكىي ئەزالىرى سودىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى 10-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى، خىتايدىكى ئىچكىي ئەزالار سودىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملەرنىڭ ئىچكى ي ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ۋە سېتىشتەك رەزىللىكلىرى ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا،» دەپ كۆرسەتتى.
يىغىندا يەنە يېقىندا ئېلان قىلىغان خىتايدىكى قانۇنسىز ئىچكىي ئەزالار ئوغرىلىقى ۋە سودىسىنىڭ تەپسىلاتى ھەمدە ئىسپاتلىرى بايان قىلىنغان دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشان بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
قەدىرىيە غوپۇرنىڭ گۇۋاھلىقى دەلىللەندى
نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن قەدىرىيە غوپۇر يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئانىسى ھاجىرە روزىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئىدى.
قەدىرىيەنىڭ گۇۋاھلىقى تۈركىيە ۋە باشقا جايلاردا زور قىزىقىش قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.
قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ھاجىرە خانىم توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى بولۇپ، ئۇنىڭ دېلوسى ھېچقانداق سىياسىي ئىشلارغا چېتىلمايدىكەن. قەدىرىيەمۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئالتە يىللىق مۇھاجىرلىق ھاياتىدا خىتايغا قارشى ھەرقانداق پائالىيەت ۋە سۆز-ھەركەتلەردىن خالى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاجسىمان ۋىرۇسنى «دۇنياۋى ۋابا» دەپ ئېلان قىلدى
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جىددىي ئاشماقتا. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل غايەت زور تەھدىت ۋە رېئاللىقنى نەزەرگە ئېلىپ، تاجسىمان ۋىرۇسنى رەسمىي ھالدا «دۇنياۋىي ۋابا كېسىلى» دەپ ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تاجسىمان ۋىرۇس 114 دۆلەتكە يامرىغان بولۇپ، ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى ئاللىقاچان تۆت مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكادا بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر «ئامېرىكانىڭ ئۆزىدە 150 مىليونغا قەدەر كىشىگە بۇ كېسەل يۇقۇشى مۇمكىن،» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۇنجى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسى باستۇرۇش ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقاندا خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ ھادىسىنى ئەيىبلەش چوقانلىرى بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقماقتا. بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ بىرى لوندوندىكى دۇنياغا داڭلىق «ئوكسفورد بىرلەشمىسى» دە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دولقۇن ئەيسا، ئۆركەش دۆلەت قاتارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال توغرىسىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئېچىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بىلدۈرۈش ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمو زور دەرىجىدە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.