رابىيە قادىر خانىم ۋال سترىت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ كۇنمىڭ ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسىدىكى مەۋقەسىگە رەددىيە بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىم «ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان «كۇنمىڭدىكى جىنايەت ھەققىدىكى توغرا جاۋابلار» ناملىق ماقالىسىدە، ئەگەر كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى راستىنىلا ئۇيغۇرلار قىلغان بولسا، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇم سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئەيىبلەشلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ماقالە ھەققىدە رادىئومىزنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، كۇنمىڭدىكى ۋەقەنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان بىر قاتار زۇلۇملارنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رابىيە قادىر خانىم ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كانادا پارلامېنتى ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۆتكەن ھەپتە كانادادا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ۋە ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا ئىدى.
ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم: «مەن مىللەت ۋە دىنىمىزنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئېلىپ ئىككى يىغىنغا كەلدىم!»
بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىننىڭ خەلق ۋەكىلى ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان مىللىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
11-مارت ئۇ، بۇ ھەقتە خىتاي مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ: مەن مىللەت ۋە دىنىمىزنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئېلىپ ئىككى يىغىنغا كەلدىم. بىرى، مىللەت ئۈچۈن سۆزلەش، يەنە بىرى دىنىمىز ئۈچۈن گەپ قىلىش. خەلق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى زىممەمگە يۈكلەنگەن ناھايىتى ئېغىر ئىككى ۋەزىپە دەپ قارايمەن، دېدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابلىمىت ئەخمەتتوختى داموللا ھاجىم خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خوتەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.
ئۇ سۆزىدە يەنە يەرلىك خەلق پەرزەنتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقى، مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلىنىشى، مەكتەپلەردە يولغا قويۇلغان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
سابىق سوت خادىمى گۈلنار ئابلەتنىڭ قېيىن-قىستاقتا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن-قىستاقتا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇر قىزنىڭ سابىق سوت خادىمى گۈلنار ئابلەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلانماقتا.
«ئۈندىدار» ۋە «فېيىسبوك» لاردا تارقىتىلغان ئۇچۇردا ئۆلگۈچىنىڭ ئاقسۇ ئاۋاتتىن ئىكەنلىكى، 8 ئاينىڭ ئالدىدا «چەتئەل بىلەن قانۇنسىز ئالاقىلەشتى» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
رادىئومىزدا بۇنىڭدىن دەل 8 ئاي ئىلگىرى ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان بىر ئايال خادىمنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى» بىلەن خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.
تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىككى خەۋەردە دېيىلگەن كىشىنىڭ بىر شەخس ئىكەنلىكى يەنى ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى گۈلنار ئابلەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان زۇمرەت خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گۈلنار ئابلەت تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، گۈلنار ئابلەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاۋات ناھىيىلىك مەھكىمىدە پۈتۈكچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇلتۇر 6-ئايدا بىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى دوستلىرىغا بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن.
10-مارت خىتاي دائىرىلىرى ئېغىر ھالسىرىغان گۈلنارنى ئائىلىسىدىكىلەرگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇ جىددىي داۋالىتىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
ئەنگلىيەدىكى «يورك پەن» خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
پەيشەنبە كۈنى، ئەنگلىيەدىكى «يورك پەن» بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
«يورك پەن» ئەنگلىيەدىكى يورك ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى.
«يورك پەن» باياناتىدا، جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى ۋە: خىتاي ھۆكۈمىتى ئاكادېمىك ئىلھام توختىنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك، دېدى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى بۇ يىل 15-يانۋار تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر مەھەللە چېقىلماقتا
ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىنىڭ سانفانكو رايونىدا ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ئولتۇراق ئۆي رايونى غەيرىي رەسمىي شەكىلدە چېقىلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، مەزكۇر ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ساھىبلىرى تۆلەم پۇلىغا ئەمەس، بەلكى «يول قۇرۇلۇشىغا ماسلاشقانلىق مۇكاپاتى» نامىدىكى ئازغىنا پۇلغا رازى بولۇشقا مەجبۇرلانغان.
ئۆي چېقىش ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئۈرۈمچىدىكى ئابلاخان ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەردە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلاردا ئۆي سېلىش رۇخسىتى بار ئىكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ، بۇ زېمىن ئىگىلىرىگە تۆلەم بېرىلمىگەن. نۆۋەتتە، بۇ ئىشتىن نارازى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئەرز قىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.
بۇ رايون بۇندىن تەخمىنەن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامى بىلەن كېڭىيىپ، ھازىرقى ئىككى مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق يۈرۈشلەشكەن بىر ئولتۇراق رايونغا ئايلانغان ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېلوسى تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان، ئادۋوكات تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن
ئىگىلىشىمىزچە، ئالتە ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلوسى 11-مارت تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان، ئادۋوكات تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جىيەنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇنى دەلىللىدى.
ئادۋوكاتنىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاكىسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قامالغان كامېردىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىچىشقاق كېسىلى تارقالغان. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەزگىل قىچىشقاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، يېقىندا ساقايغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يېقىندا سوت قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇست تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.