ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-مارتتىن 22-مارتقىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم خىتاي ۋەكىللىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق يىغىندا خىتاي ۋەكىللىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

يىغىن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى جايلاشقان جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان ئىدى.

يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىللەر «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن دۆلەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رابىيە قادىر خانىم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يالغان تارىخ ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىماس بىر قىسمى» دەيدىغان سەپسەتىسىگە رەددىيە بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تارىختا ھەرقانداق بىر دۆلەت بىر يەرنى بېسىۋالىدۇ ياكى بېسىۋېلىنىدۇ. بېسىۋېلىنغۇچى ھېچقاچان بېسىۋالغۇچىنىڭ بولۇپ قالمايدۇ. سىلەر بىزنى 1949-يىلىدىن كېيىن بېسىۋالدىڭلار. ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي خەلقىنىڭ «جۇڭگو» دەپ بىر دۆلەت قۇرۇشقا قۇربى يەتكەن ئەمەس. ئۇندىن بۇرۇن موڭغۇللار بىلەن مانجۇلار بىزنى ھەم سىلەرنى بېسىۋالغان. سىلەرنىڭ ئەسلى بىزنى بېسىۋېلىشقا كۈچۈڭلار يەتمەيتتى. ستالىن سىلەرگە ياردەم قىلدى.

بۇ مۇنازىرە بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «ئۇيغۇر رەھبىرى خىتاي ۋەكىللىرىگە تارىختىن ساۋاق بەردى» دەپ خەۋەر قىلىندى.

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار نورۇزنى دوپپا كىيىپ كۈتۈۋالغان

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار 21-مارت نورۇزنى دوپپا كىيىپ كۈتۈۋالغان. دوپپا كىيىش شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان.

بۇ ھادىسە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نورۇز كۈنىدىكى دوپپا كىيىش دولقۇنى يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دوپپا كىيىشنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىغا بىلدۈرگەن كۈچلۈك ئىنكاسى ئىكەن.

ئامېرىكىلىق يازغۇچى تۇنجى رومانىنى ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىدى

ئامېرىكىلىق يازغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىش خەۋپىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى تەسۋىرلەنگەن تۇنجى رومانىنى ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىدى.

رومانغا «تال سېۋەت» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ نيۇ-يوركلۇق يازغۇچى جوساننې لا ۋاللېي خانىمنىڭ تۇنجى رومانى ئىكەن.

ئۇ، كىتابىغا بەرگەن بېغىشلىمىسىدا مۇنداق يازغان: كىتابىمنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىنى قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن ياشاش يولدىكى كۈرەشلىرىگە بېغىشلايمەن.

ئاپتور رومانىدا، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىكى ئۇيغۇر قىزى مېھرىگۈلنىڭ دۇنياسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئەپچىللىك بىلەن يورۇتقان.

كىتابنىڭ ئىمزا قويۇش ۋە تارقىتىلىش مۇراسىمى 2-ئاپرېل نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

كېرىيە ناھىيىسى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپى دوپپا كىيىپ، ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرىشنى چەكلىگەن

كېرىيە ناھىيىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتىپى دوپپا كىيىپ ۋە ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرىشىنى مەنئى قىلغان.

مەكتەپ دەرۋازىسىغا يۇقىرىقى مەزمۇندىكى بىر ۋىۋىسكا ئېسىلغان. ۋىۋىسكىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدا «مەكتەپ ئىچىگە باش كىيىمىڭىزنى ئېلىۋېتىپ كىرىڭ» دەپ يېزىلغان. بىراق، خىتايچىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ، «دوپپا كىيىپ ۋە ياغلىق ئارتىپ مەكتەپكە كىرىشكە يول قويۇلمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئادەتلىرىنى چەكلەش ئىلگىرىلەپ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدە نورۇزنى ئوپچە تەبرىكلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى ھەر خىل شەكىلدە قۇتلۇقلاۋاتقان پەيتلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيۇشتۇرغان نورۇزنى ئوپچە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، پائالىيەتنى «شىنجاڭ خەلقئارا ئانا تىل سودا شىركىتى» تەشكىللىگەن. پائالىيەت ئۈچۈن ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە قازاق زىيالىيلىرىدىن بولۇپ مىڭ كىشىگە بارغاق تارقىتىلغان.

ھالبۇكى، پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاي ساقچىلىرى شىركەت دىرېكتورىنى سوراق قىلغان. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نورۇز بايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن.

مۇجاھىد قەشقىرى تۈرك خەلقىنى يەنە ھاياجانلاندۇردى

تۈركىيىنىڭ چاناققەلئە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ 98 يىللىق خاتىرە مۇراسىمدا ئۇيغۇر شاكىچىك مۇجاھىد قەشقىرى «چاناققەلئە» ناملىق داستاننى دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.

بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بەش مىنىستىرى ۋە بىر قىسىم ئەللەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى.

دېكلاماتسىيىدىن كېيىن باش مىنىستىر مۇجاھىدنى باغرىغا باستى ۋە سوۋغا تەقدىم قىلدى.

چاناققەلئە ئۇرۇشى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۈركىيىنىڭ چاناققەلئە شەھىرىدە بولغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى. ئۇرۇشتا 250 مىڭ تۈرك جەڭچىسى قۇربان بولغان. نەتىجىدە تاجاۋۇزچىلار مەغلۇپ قىلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.