ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-مارتتىن 22-مارتقىچە)

0:00 / 0:00

غۇلجادىكى ئۇيغۇر بايلىرىدىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر بايلىرىدىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

سادىقجان ۋە ساقىھاجى ئىككىيلەن 2000-يىللاردا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ «سادىقجان-ساقىھاجى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى» نامىدا مەكتەپ سالغان. بۇ مەكتەپتە نامرات ئۇيغۇر بالىلىرى ھەقسىز ئوقۇغان بولسا، يەنە 30-40 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى مۇقىم خىزمەت قىلغان.

بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا يەنە سادىقجاننىڭ قىزى پاتىگۈلنىڭ 2017-يىلى مارتتا تۇغقان يوقلاپ غۇلجاغا قايتىشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، پاتىگۈلنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ئوغلى ھەمدان خۇشتارنىڭمۇ ئانىسى بىلەن بىللە غۇلجادىن چىقالمىغانلىقى مەلۇم بولدى.

زۇلخۇمار ئىسھاق ئائىلىسىنىڭ قىسمىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارا كۆرسەتتى

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلخۇمار ئىسھاق كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇغان ۋە ئىچكىرىدە ئالىي مەكتەپنى تاماملىغان. شۇنىڭدەك ئۆز رازىلىقى بىلەن بىر خىتاي ئەرگە ياتلىق بولۇپ ئائىلە قۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسى لاگېرغا مەھكۇم بولۇشتىن خالىي بولالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، زۇلخۇمارنىڭ دادىسى ئىسھاق پەيزۇللا ۋە ئانىسى زۆھرە تالىپ ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، قۇمۇل شەھىرىدە تاكى پېنسىيەگە چىققۇچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغان ئىكەن.

زۇلخۇمار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئاتا-ئانام پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمىز دېگىنى يالغان،» دېدى.

لاگېرلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار «لاگېر كۇرسانتلىرى» غا ئايلىنىپ كەتمەكتە

ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېقىندىن بۇيان شۇ جايدىكى تۇتقۇنلارغا قوشۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقى دەلىللەندى.

بەزى پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ «لاگېردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇنغا ئايلىنىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ باشقا تۇتقۇنلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى لاگېرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ قويماسلىقى ئۈچۈندۇر،» دېدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بەزى شاھىتلار بولسا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» تىن ئۆتىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل «تەربىيەلەش» نىڭ لاگېرلاردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچىلارغىمۇ كېڭىيىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كەسكىن مۇنازىرە قىلىندى

مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىدا ئوخشاشلا زور ساندىكى كۆرۈرمەنلىرى بولغان ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيەسىدە 15-مارت كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىندى.

«باشمۇ-باش» تېمىسىدىكى بۇ پروگراممىدا رىياسەتچى مەھدى ھەسەن بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسى چارلېس ليۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كەسكىن سۆھبەتلەشتى. چارلېس ليۇ بۇ مەسىلىدە ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «مېنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوقكەن، ئەگەر راستىنلا شۇنداق ئىش بولسا بۇ ھەقىقەتەن يامان بوپتۇ،» دېگەن.

مەھدى ھەسەننىڭ ياۋروپادىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلاپ كۆپلىگەن جانلىق ۋە كەسكىن مىساللارنى كەلتۈرۈشى بىلەن خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاقلاش ئۇرۇنۇشلىرى پۈتۈنلەي بەربات بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ كەسكىن تەنقىدىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن 2018-يىللىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىممۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، «تېررورچى ۋە ئەسەبىي كۈچلەر» نىڭ تىنچلىقنى بۇزۇپ كەلگەنلىكىنى نۇقتىلىق شەرھىلىگەن.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ھەقىقەتنى بۇرمىلىماقچى بولۇشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. قانۇن مەۋجۇت بولمىغان خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان بۇنداق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ قىممىتى يوق،» دېدى.

جازا لاگېرلىرىنى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئاڭلىتىش داۋام قىلماقتا

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «جازا لاگېرلىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا!» تېمىسىدىكى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان تەسۋىرى ھەقىقىي سۈرەتلەر ئارقىلىق جانلىق نامايان قىلىنغان. بولۇپمۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ سۈرەتلىرى لاگېرلارنىڭ ماھىيىتىنى ئوخشىمىغان تەرەپتىن ئېچىپ بەرگەن.

ھازىرغىچە بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مىڭلىغان كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي بۆھراننى جانلىق ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.