ھەپتىلىك خەۋەرلەر (19-مارتتىن 25-مارتقىچە)

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

23-مارت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى ۋە كومىتېت زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلدى. ئۇ، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنى چارشەنبە كۈنى ئىككى نەپەر ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئەزاسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ قىلغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار قاتناشتى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارەت جەريانىدا ئاۋسترالىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بوب بروۋن بىلەن كۆرۈشتى.

24-مارت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كامبېرادىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئادېلايد شەھىرىگە يىتىپ كەلدى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىدى.

خىتاي يەنە7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن 3 چوڭ ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، نۇرمۇھەممەت ئوبۇل قاسىم قاتارلىق 7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ۋە ئەمەت نۇر قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ھۆكۈمنى خىتاي ئالىي سوتى تەستىقلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئەينى چاغدا رادىئومىز تەرىپىدىن «ئارال ۋە يېڭىئېرىق ۋەقەسى» دەپ خەۋەر قىلىنغان مەزكۇر ۋەقەلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ كۆچمەن سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ۋەقەدە 8 خىتاي پۇقراسى ۋە بىر ئامانلىق خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇيغۇرلار نورۇزنى كۈتۈۋالدى

21-مارت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي ۋە فارىسي تىللىق مىللەتلەر نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇنمۇ 21-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ھەرخىل شەكىلدە نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلىدى. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە تۈركىيە، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە چوڭ تىپتىكى نورۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ نورۇزنى كۈتۈۋالدى.

ئاۋسترالىيىدىكى نورۇز پائالىيىتىگە رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشتى.

كارل گېرشمان: ئەركىنلىك ھېچكىم بېرەلەيدىغان سوۋغات ئەمەس

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان ئەركىنلىكنى ھېچكىم سوۋغات قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارل گېرشمان ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە يامرىغان «ياسىمەن ئىنقىلابى» ۋە خىتايدىكى «ياسىمەن نامايىشى» چاقىرىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

كارل گېرشمان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىنقىلاب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىنقىلابنى پەقەت ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىدىن رازى بولمىغان خەلق قىلدى. ئۇلاردا بۇنداق كۈچ بار ئىدى. ئۇلار ھېچكىمنىڭ كېلىپ، بۇ ئىنقىلابنى ئۆزى ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى كۈتمىدى. ئەركىنلىك ھېچكىم بېرەلەيدىغان سوۋغات ئەمەس. ئۇ، ھەر ئادەم ئۆزى كۈرەش قىلىپ ئېرىشىدىغان نەرسە.

قازاق شائىرى مۇختار شاخانوف: پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۇيغۇر خەلقىگە باش پاناھ بولۇشى كېرەك

تۈركىيىنىڭ فەتھىيە شەھىرىگە يىغىنغا كەلگەن قازاق خەلقىنىڭ تونۇلغان شائىرى، پارلامېنت ئەزاسى مۇختار شاخانوف بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىلدى.

21-مارت يىغىن جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇختار شاخانوف خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ بۇ خاتا سىياسىتىگە پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.

بىرلەشمە ئارمىيە ئايروپىلانلىرى كازافىي ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى

كازافىي قىسىملىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش بۈگۈن 6-كۈنىگە قەدەم قويدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا كازافينىڭ قىسىملىرى بومباردىمان جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە ھالسىرىغان.

قوزغىلاڭچىلار بىنغازى شەھىرىدىن كازافىي قىسىملىرىنى تولۇق چېكىندۈرگەن. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئەجدەبىيە شەھىرىدە توقۇنۇشماقتا.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن ۋە ھەربىي ھۇجۇملار دائىرىسىنى ئىلگىرىكىدىن كېڭەيتىدىكەن.