ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-مارتتىن 27-مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.03.27
wuxen-virus-korona-virus-washington.jpg تېببىي خادىملار ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كوروناۋىرۇس پونكىتى يۇقۇملانغۇچىلارنى ساقلاپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 17-مارت، سېئاتىل شەھىرى، ۋاشىنگتون شتاتى.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تەشۋىقاتى كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى

خىتايدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇس دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقى ھەممىلا ساھەنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا بىر مەيدان تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاپ، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇنىڭغا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ بۇ خىل تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا بىز ھەرگىزمۇ يول قويالمايمىز،» دېدى.

خىتاينىڭ دۇنياغا ئۆزىنى «دوست»، «نىجاتكار» قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى غەرب دۇنياسىنىڭ ئورتاق تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىلەر بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىشنى كۈچلۈك تەكىتلەشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ۋىرۇستىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش» ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىدى


خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىنىپ، كىنو-تىياتىرخانىلارمۇ قايتا ئېچىلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم كىنوخانىلار ئېچىلغان بولسىمۇ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكى، كۆپ قىسىم زاللارنىڭ ئىزچىل بوش تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكىشى «قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلۈمگە ئىتتەرگەنلىك» دەپ تەنقىدلەندى.

87 ياشلىق ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم لاگېردا جان ئۈزگەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىكى ۋەھشىيانە قىلمىشى كۆپكە تونۇلغان دىنىي زات، 87 ياشلىق ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشى ھەمدە شۇ جايدا ۋاپات بولۇشىدا يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتى.

ھاياتىنىڭ زور بىر قىسمىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن ئابدۇلئەھەد ھاجىم ئاخىرقى قېتىم 2004-يىلى «قانۇنسىز ھالدا ئۆسمۈرلەرگە دىنىي تەربىيە بەرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن 75 يېشىدا بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 2017-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى گۇمانلىق ئۇنسۇر، دېگەن نامدا لاگېرغا ئېلىپ كەتكەن. ئۇ ئالتە ئايدىن كېيىن لاگېردا جان ئۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ كىشىلىك مەۋقەسىدىن ۋە دۇنيا قارىشىدىن يانمىغان. شۇنداقلا خوتەن رايونىدا مىللىي روھ ۋە دىنىي كىملىكتە سىمۋوللۇق ئوبرازغا ئايلانغان ئىكەن.

ئۇيغۇر سەرخىللىرى داۋاملىق ھالدا ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا

خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولغان رېئاللىقلار ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

يېقىندا ئەلگە تونۇلغان چاقچاقچى مۇساجاننىڭ «چەتئەلگە چىقىش» ۋە «كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش» جىنايەتلىرى بىلەن 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «تاڭ نۇرى ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت ئىمىن ئابدۇللامۇ كۆپ قېتىم تۈركىيەگە بارغانلىقى ۋە چەتئەلگە پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ خىل قىسمەتكە يولۇققانلارنىڭ يەنە بىرى يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىكى تېببىي ئوقۇشنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتقان ئىمامجان ئىبراھىم بولۇپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا ھۇجۇم ۋە يوقىتىش نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش» تەدبىرلىرىگە ماسلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ لاگېرغا يوللانماقتا

كۇچا ناھىيىسىدىكى نەمۇنىلىك ئوقۇتقۇچى مەمەتتۇرسۇن دائىم كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالانغان ھەمدە ناھىيە بويىچە تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئەمما مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭمۇ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالماقتا.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەمەتتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەمدە خىتايچە ئۆگىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

بۇ خىلدىكى ئەھۋال تۈركىيەدىكى مۇھاجىرلاردىن زەيتۇنەنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى ئايتۆرەم خۇدەش ئۇزۇن چاچلىرىنى كەستۈرۈپ، ئۇزۇن كىيىملەردىن ۋاز كەچكەن، مەجبۇرىي ھالدا ئىككى قېتىم ھامىلىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن خالىي بولالمىغان.

تاجسىمان ۋىرۇسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە

پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ۋابا بولۇۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە، جۈملىدىن لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ زور ئېغىرچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراپ، مەكتەپ ۋە باشقا ئاممىۋى جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تاقىلىشى بىلەن ئۆزلىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بىلدۈرۈشنىڭ پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم بولماقتا. جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەس-يادى ۋىرۇس بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، لاگېردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قىسمەن تاشلىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ ھال يەنە بىر جەھەتتىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدا مۇھىم ھالقىلاردىن بولغان كۈندىلىك جىسمانىي ئەمگەك پۇرسىتىنى چەكلەپ قويغانلىقتىن مۇشۇنىڭغىلا قاراشلىق بولغان زور بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ زور مۈشكۈلات بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.