رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسىيە زىيارىتى داۋامىدا مۇھىم پائالىيەتلەردە بولدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم جەنۋەدىكى يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، 21-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلگەن.
شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 23-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سىتوكھولمدا رابىيە قادىر خانىمنى قارشى ئېلىش ۋە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
پائالىيەتتە رابىيە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە جامائەتكە مەلۇمات بەرگەن. ئاندىن رابىيە خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىشخانا ئېلىشى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
رابىيە قادىر خانىم 25-مارت چۈشتىن كېيىن، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىن داۋامىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي چەكلىمىلەر شۇنداقلا كۆچمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى بويىچە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانىدىكى ئۇيغۇر رەسسام مەمەتجان ئابلانىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دىققەت قوزغىماقتا
مالايشىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ 370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان 239 نەپەر يولۇچى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ياش مەمەتجان ئابلانىڭ قىسمىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئېچىندۇرماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىن كېيىن، مەمەتجان ئابلانىڭ قەشقەردىكى ئائىلىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. رادىئومىز ئۇلار تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ، مەمەتجان ئابلانىڭ دادىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېھمانخانا خادىملىرى تېلېفوننى ئۇلاپ بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇلار مەمەتجان ئابلانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن يۇقىرىنىڭ تەستىقى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مالايشىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانى -8 مارت يوقاپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئايروپىلاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تىزىملىكى ئىچىدىن مەمەتجان ئابلانىڭ 99-رەتتىكى ئىسمىنى قارا رەڭدە بويىۋېتىشى گۇمان پەيدا قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايروپىلاندا قازاغا ئۇچرىغان خىتاي يولۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر يولۇچى مەمەتجان ئابلانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان.
قەشقەر نەزەرباغ دېھقانلىرى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا
ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەر شەھەر نەزەرباغ يېزا يۇقىرىقى قازىرىق 14-كەنت دېھقانلىرى 5000 مو تېرىلغۇ يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان.
2002-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە 864 مو تېرىلغۇ يەرنى دېھقانلارغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ قەشقەر شەھەر شېنجېن تەرەققىيات رايونىغا سېتىۋەتكەن.
بۇ ئىشنىڭ ئاشكارا بولۇپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىدىن قاچقان نەزەرباغ بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ساقچىخانا خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ 3 نەپەر دېھقانلار ۋەكىللىرىنى نەزەربەند قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئاتۇشتا ئالاھىدە ساقچىلار بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان
رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كەچتە خىتاينىڭ كوچا چارلاۋاتقان بىر توپ ئالاھىدە ساقچىلىرى ئاتۇش شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى ساقچىلار موتسىكلىت ھەيدەپ كېتىۋاتقان 21 ياشلىق ھۆكۈمەت كادىرى نىجات سەمەتنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە سەۋەبسىزلا موتسىكلىتىنىڭ ئاچقۇچىنى تارتىۋالغان. نىجات سەمەت بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا خىتاي ساقچى ئۇنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك ئۇرغان. ساقچىنىڭ بۇ يولسىزلىقىغا نىجات سەمەتمۇ لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن 7-8 ساقچى بىرلىشىپ نىجات سەمەتنى قاتتىق ئۇرغان. تاياق زەربىسىدىن نىجات سەمەت ھوشىدىن كەتكەن.
بۇ زوراۋانلىق ۋەقەسىنى كۆرگەن جامائەت بىلەن ساقچىلار، شۇنداقلا يەنە نىجات سەمەتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىمۇ سۈركىلىش كېلىپ چىققان. نۆۋەتتە نىجات سەمەت قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-دوختۇرخانىدا داۋالانماقتىكەن.
تايلاندتا يەنە 15 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تۇتۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا
تايلاند گېزىتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى تايلاند ساقچىلىرى تايلاندنىڭ شەرقىدىكى بىر ئورمانلىقتا يەنە 15 نەپەر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 10 نەپىرى كىچىك بالا ئىكەن. تايلاند دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى تۇتۇلغان ۋە ئۇيغۇرلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 220 نەپەر مۇساپىر بىلەن ئوخشاش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇمكى، تايلاند دائىرىلىرى 13-مارت كۈنى تايلاندنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا 220 نەپەر مۇساپىرنى، ئارقىدىن يەنە تايلاندنىڭ شەرقىدىكى كامبودژا بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونىدىكى ئورمانلىقتىن يەنە 112 نەپەر مۇساپىرنى تۇتقان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ مۇساپىرلارنى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە خىتاي تەرەپكە قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەگەر بۇ مۇساپىرلار ئۇيغۇر بولغان تەقدىردە، بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ خەتەرگە قارىماي خىتايدىن قېچىپ چىقىشىنىڭ ئويلىنىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ مائاشىنى توڭلاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئىلھام توختى ئەپەندى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ئېغىر روھى بېسىمغا ئۇچرىغاندىن باشقا، يەنە ئىقتىسادىي بېسىمغىمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، ئىلھام توختىنىڭ مەكتەپ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مائاشىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن توڭلىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز بۇ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.