ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-مارتتىن 29-مارتقىچە)

0:00 / 0:00

خىتاي سىياسىي ساقچىلىرى قەشقەردە بىر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلدى

خىتاينىڭ قەشقەر شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى ھېيتگاھ ئەتراپىدا دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىدىغان نۇرمەمەت ئىسمائىل ئىسىملىك بىر ياشنى مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

ساقچىلار بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن نۇرمەمەت ئىسمائىل ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ساقچىلار يەنە نۇرمەمەت ئىسمائىلنى تۇتقۇن قىلىپ ئەتىسى ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغان ۋە نۇرمەمەتنىڭ بىر سىياسىي دېلوغا چېتىشلىقلىقى بايقالغانلىقىنى ئاغزاكى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر نۇرمەمەت ئىسمائىلنى تۇتقۇن قىلغان شۇ كۈنى يەنە، 6 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار نورۇزنى كۈتۈۋالدى

ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نورۇزنى كۈتۈۋالدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز پائالىيىتىدە 11‏-مارت ئېچىلغان جەنۋەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل يىغىنى توغرىلىق دوكلات بېرىلگەن. نورۋېگىيىدىكى نورۇز پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى چېلىنغان. كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى نورۇزنى ئۇيغۇر، تۈرك، ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق، تۈركمەن، قاتار قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر بىرگە ئۆتكۈزگەن.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نورۇزدا گوللاندىيىدە ئولتۇرۇشلۇق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى ئايگۈل ھەسەن خانىم سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. چەتئەلدىكى نورۇز پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداش، ئەۋلادلارغا كىملىك تەربىيىسى بېرىش، ئۆز ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشكە سورۇن ھازىرلاپ بەردى.

قەشقەر، كورلا قاتارلىق جايلاردا 20 ئۇيغۇرغا قاماق جازاسى بېرىلدى

قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت 26‏-مارت ھۆكۈم چىقىرىپ، قادىرجان ئۆمەر قاتارلىق 20 كىشىنى سىياسىي سەۋەبلەردىن مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەھكىمە قارارىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، بۇ ھۆكۈم رەھىمسىزلىك بىلەن بېرىلگەن جازا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ ئەيىبلىدى. قەشقەر ئوتتۇرا سوتى 19 كىشىنى، بايىنغولىن ئوتتۇرا سوتى بىر كىشىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئەڭ يۇقىرىسىغا مۇددەتسىز، ئەڭ تۆۋىنىگە 5 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ كىشىلەرنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي ئۇيغۇرلارنى تور ئارقىلىق ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلىش ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئىلھام توختى يەنە نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

ساقچىلار بېيجىڭدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنى نورۇز مەزگىلىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ خوشكوڭدا چاقىرىلغان بىر خەلقئارا ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن.

دائىرىلەر ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق توغرىلىق سۆزلىمەسلىكنى ۋە تىنچ ياشاشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئىلھام توختى دائىرىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ: مېنى سۆزلەش-پىكىر قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىمدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەۋاتىسىلەر. ئەمما مەن ئۆز يولۇمدىن قايتالمايمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈم تاللىغان يولنىڭ توغرىلىقىنى بىلىمەن، دېگەن.

بۇ ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 2‏-قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى. 24‏-مارت كۈنى بېيجىڭدىكى بىر قىسىم زىيالىي، ئوقۇغۇچىلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىكى ئىلھام توختىنى يوقلىغان.

ئۆسمۈر مەھبۇسلارنىڭ قاماقتىكى ئەھۋالى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئەندىشىگە سالدى

غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئارمان قۇربان، قەيسەر توختى ۋە يارمەمەت تۇرسۇنلارنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سالغان.

تۈرمە ھاياتى 14 ياشلىق بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ نازۇك تېنى ۋە روھىدا قانداق ئىزلارنى قالدۇرغاندۇ؟ مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئازابلاۋاتقان سوئاللار. بۇ 3 نەپەر ئۆسمۈر بىر خىتاي بالىسىنىڭ ئاق ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قېلىش ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار، دەپ قولغا ئېلىنغان. ئائىلىلەر مەھكۇملار تۇتقۇن قىلىنغان 9 ئايدىن بۇيان پەقەت ئىككى قېتىملا كۆرۈشكەن.

بىرىنچى قېتىم بالىلارنىڭ ئىقرارنامىسىگە ئىمزا قويۇپ بېرىشكە چاقىرىلغاندا، ئىككىنچى قېتىم سوت كۈنى دىدارلاشقان. قەيسەر توختىنىڭ دادىسى، ئوغلىنىڭ سوراق مەزگىلىدە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى، گۇندىپايلارنىڭ مۇئامىلىسى ئوغلىغا روھىي زەربە بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇشىغا يول قويمىدى

19-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە ئانا تىل سودا شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «نورۇز داستىخىنىدا ئانا تىل زىياپىتى» ناملىق پائالىيەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

شۇ كۈنى يەنە، نورۇز پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قەشقەردە قۇرغان ئانا تىل يەسلىسى رەسمىيىتى تولۇق ئەمەس، دەپ تاقىۋېتىلگەن. ساقچىلار يەنە ئانا تىل سودا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 19-مارتتىكى نورۇز بايرىمىغا قازاق زىيالىيلىرىنى تەكلىپ قىلىشتا تەشەببۇسكارلىق كۆرسەتكەن دومان ئىسىملىك قازاق زىيالىيسىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ساقچى قازاق زىيالىيلىرىغا بىر-بىرلەپ تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نورۇزىغا قاتنىشىشىغا يول قويمىغان.