ئۇيغۇر كادىرلارنى لاگېرغا ئەۋەتىشنىڭ شەرتلىرى «ئاددىيلاشماقتا»
ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلاردىن بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خوتەندىكى ئىككى ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۇيغۇرچە گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتە «ۋەتەنپەرۋەرلىك-دۆلەت تىلىنى سۆيۈشتىن باشلىنىدۇ» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى ھەممىلا جايدا خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا قەشقەر سۇ ئىدارىسىنىڭ كادىرى تۇرغۇن ئاسىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىدە ئۇنىڭ شۇ جايدىكى مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ بولمىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى رامان ئىدرىس لاگېردا جان ئۈزگەن
يېقىندا قەشقەردىكى ئۇيغۇر بايلىرىدىن ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى رامان ئىدرىسنىڭ 2018-يىلى ئۆكتەبىردە لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارا بولدى.
مەرھۇم رامان ئىدرىسنىڭ مۇھاجىرەتتىكى نەۋرىسى نەجمىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، بوۋىسى ۋە كىچىك بوۋىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، رامان ئىدرىس جەمەتى قەشقەردە خىمىيەۋى ئوغۇت سودىسى، ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى ۋە رېستوران سودىسى قىلىش ئارقىلىق زور بايلىق توپلىغان ئىكەن. ئۇلار لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندە ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 50 تەك كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
لاگېرلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە
مۇشۇ ھەپتىدە قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ «رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› گە زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىم» دەپ يوليورۇق بەرگەن.
چېن چۇەنگونىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنىڭ ئالغا سۈرۈلۈشى، ئۇيغۇر دىيارىدا 4-قېتىملىق «ئومۇمى خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نىڭ باشلىنىشى، يەنە كېلىپ ھەممىلا جايدا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ «مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى» نىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا زور ساندىكى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ پات يېقىندا لاگېرلارغا يوللىنىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلماقتا.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «لاگېرلارغا ئېھتىياج قالمىغاندا ئاستا-ئاستا تاقىلىدۇ،» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر شاھىتلار بىلەن كۆرۈشتى
26-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىدلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر شاھىتلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى زۇلۇملاردىن مەلۇماتلار بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنى «نومۇسسىزلارچە ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ كەلمەكتە،» دەپ ئەيىبلىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نورۇزلۇق تەبرىك پائالىيىتىنى جانلىق دەرسخانىغا ئايلاندۇردى
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى زور يوقىتىشقا دۇچ كېلىۋاتقاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى نورۇز بايرىمى ۋەتەن ۋە ئانا يۇرت سۆيگۈسى مەزمۇنىدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ جانلىق ئۆتكۈزۈلدى.
نورۇزلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق چەتئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە بىر قېتىملىق جانلىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسى ئۆتۈلگەنلىكى بولسا كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارنى مەمنۇن قىلدى.
ئامېرىكا، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق ئۇيغۇر جامائىتى بىرقەدەر مەركەزلىك جايلاشقان دۆلەتلەردىكى نورۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكەن ھەرقانداق يىللاردىكىدىن كۆپ جامائەتنى كۈتۈۋالدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاينىڭ زۇلۇمى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ بىرلەشتۈردى،» دېدى.
كانادانىڭ مونتېرىئال شەھىرىدە ئانا تىل مەكتىپى قۇرۇلدى
كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جايدا يەنە بىر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بارلىققا كەلدى. مونتېرىئال شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇ ئانا تىل مەكتىپى 23-مارت كۈنى رەسمىي ئوقۇش باشلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئانا تىل مەكتىپىدە ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى تېمىسىدىكى دەرسلەر ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، يەنە قوشۇمچە ئىسلام دىنىغا دائىر ئومۇمىي بىلىملەرمۇ ئۆگىتىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش نىشانى قىلىۋاتقاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىشى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
0:00 / 0:00