ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۈچ مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان 2 مىڭ 654 ئوقۇغۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تۈرى بويىچە تەربىيىلەشكە ئېلىپ ماڭدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلار، مەزكۇر تۈر بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ سان كېلەر يىلغىچە 22 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللاش دولقۇنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىدە ھەدەپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە كانادا پارلامېنتىنىڭ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى
يېقىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كانادا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان دىنىي مەسىلىلەر يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىننى كانادا پارلامېنتى دىنىي ئىشلار كومىتېتى تەشكىللىگەن. رۇقىيە خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ھەرخىل باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇقىيە خانىم يىغىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر ئېتنىك مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىۋېتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ يولدىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا گۇۋاھلىق بەردى
مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ يولدىشى بەختىيار ئۆمەر 15-مارت، 16-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
گۈلمىرە ئىمىن 2010 -يىلى 4 -ئاينىڭ 1 -كۈنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
شۇ كۈندىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى، شۋېتسارىيىدىكى ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيادىكى 25 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان.
گېرمانىيىدە بىر ئۇيغۇر جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى
گېرمانىيىدە بىر ئۇيغۇر خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى 45 ياشلىق ئەر كىشى بولۇپ، ئۇ ھازىرچە «ر» دەپ تونۇشتۇرۇلغان.
گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەيىبلىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ر» ئىسىملىك بۇ گۇماندار گېرمانىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى 2005-يىلىدىن، 2009-يىلىغىچە خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن ئىكەن.
بۇ چەتئەللەردە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككىنچى ئۇيغۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2009-يىلى يازدا شۋېتسىيىدە بابۇر مەخسۇت خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
شىخەنزىدە ئېلېكترونلۇق قۇرئان تارقاتقان دادا-بالا دىنىي زاتلار تۇتقۇن قىلىنغان
شىخەنزە شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى يېقىندا مەزكۇر شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق مەمەت رېھىم ۋە مەمەت سىدىق ئىسىملىك دادا-بالا دىنىي زاتلارنى «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى تارقاتقان» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ دىنىي زاتلار نىڭشادا ئىشلەنگەن ئېلېكترونلۇق قۇرئاننى ساقلىغان ۋە تونۇش-بىلىشلىرىگە ھەدىيە قىلغان ئىكەن.
شىخەنزە شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇيىڭ يۇقىرىقى زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما، تۇتقۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ كېڭىيىشى يەنىلا جىددىي بولماقتا
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى بۇ يىلمۇ يەنىلا جىددىي بولغان.
«تەڭرىتاغ» تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار 28-مارت ئۇيغۇر ئېلىدە چاقىرىلغان، ئەيدىز يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇلتۇر خىتاي ئاخباراتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىمارلىرى سانىنىڭ 33 مىڭ 149 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلانغان ئىدى.
28-مارتتىكى يىغىندا، بۇ يىلقى ئەيدىز بىمارلىرى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەيدىز كېڭىيىش ۋەزىيىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن تۆۋەن ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن.
پرېزىدېنت باراك ئوباما: قەيەردە كىشىلەر ئەركىنلىك ئىزدەيدىكەن، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ دوستى
28-مارت ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ، لىۋىيىدە قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما نۇتقىدا ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى تارىخىي ئىلگىرىلەشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: چۈنكى قەيەردە كىشىلەر ئەركىنلىك ئىزدەيدىكەن، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ دوستى. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ ئىشەنچ، بۇ غايە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمىدۇر.
ئوباما نۇقتىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە نۇتقىنى مۇنداق خىتابلار بىلەن ئاياغلاشتۇردى: بىز پەقەت ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىنلىككە تەشنا بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن باقايلى.
بۇ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ لىۋىيە ھەققىدە بەرگەن ئەڭ مۇھىم نۇتۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنى خەلقئارالىق شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنى 2020-يىلىغىچە، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارالىق سودا مەركىزىي قىلىپ قۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسىنى 5 مىليونغا يەتكۈزىدىكەن.
ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى زور دەرىجىدە شالاڭلاشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ھايات كەچۈرۈشى قىيىنلاشتۇرۇلغان شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دىققەتنى تارماقتا.
خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئىككى قېتىم قارار ماقۇللاپ، باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرغان ئىدى.
ئىلى دېھقانلىرى يېڭى بېسىمغا دۇچ كەلدى
ئىلى دېھقانلىرى بۇلتۇر كۈز پەسلىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىش ۋە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلانغان.
نۆۋەتتە دېھقانلار تېرىلغۇ يەرلەرگە مېۋىلىك كۆچەت تىكىشنى رەت قىلغان. ئەمما، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پارنىك ياساشنى رەت قىلغان بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئەرزان باھالاپ مەجبۇرى سېتىۋېلىپ، بۇ يەرلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەرگە كۆتۈرە بېرىشكە باشلىغان.
ئىلگىرى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر قىسىم ئېلى دېھقانلىرىنىڭ باغلىرىنى ئەرزان باھادا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار زەربىگە ئۇچرىماقتا
خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا «مۇقىمسىزلىق ئامىلى» سۈپىتىدە زەربە بېرىشكە باشلىغان. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۇيغۇر ئەرزدارلار تۇرۇۋاتقان چېدىر ئىككىنچى قېتىم بۇزۇۋېتىلگەن، ئەرزدار ئۆمەرجان ئابلا «ئەرزدارلار كاتتىۋېشى» دەپ قارىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئەۋجىگە چىققان ۋە خىتايدا «ياسىمەن نامايىشى» باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەن ئىدى.
خىتاي ساقچىلىرى ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۆمەرجان ئابلا قاتارلىق ئۈچ ئەرزدارنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان چېدىرىنى بۇزۇۋەتكەن ئىدى.
ئۇلار بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۆمەرجان ئابلا بۇ نۆۋەت يەنە تۇتۇپ كېتىلگەن.
