ھەپتىلىك خەۋەرلەر (26-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.04.01
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.

ئاقساراي مەزكۇر يىغىن ئارىلىقىدا ئوباما بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پۇرسەتتە ۋاشىنگتونغا يىغىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى جانلاندى.

31-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خىتاي ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان رابىيە قادىر خانىم ئوباما ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

دولقۇن ئەيسا ۋاشىنگتوندا ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالىنى تاپشۇرۇۋالدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 30-مارت كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كاپىتول خىل سارىيىدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن بېرىلگەن 2016- يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نى تاپشۇرۇۋالدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى دەل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەن كۈنىگە توغرا كەلدى.

مۇراسىمدا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى لى ئېدۋاردز سۆز قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۈزلۈكسىز كۈرەشلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

دولقۇن ئەيسا مېدال تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «ئەركىنلىك مېدالى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ» دېدى.

خىتاي كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئوغلى 20 يىللىق كېسىلگەن

ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزا پەيشەنبەبازار كەنتىدىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە رادىيومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا 19 ياشلىق مەھبۇس ئابدۇراخمان روزىنىڭ ھىجرەت سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكى، كېيىنچە تۇتقۇن قىلىنىپ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

مەكتۇپتا يەنە مەھبۇس ئابدۇراخمان روزىنىڭ ئايكۆلدىكى ئاكتىپ كومپارتىيە ئەزاسى روزى ئابلىزنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

رادىيومىز روزى ئابلىزنى زىيارەت قىلىپ ئوغلى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى. روزى ئابلىز، ئالدىنقى يىلى كۇنمىڭ ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئوغلىنىڭ كۇنمىڭدا ئىكەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن ئوغلىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يۇرتىغا قايتۇرغانلىقى، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قولغا ئېلىپ 20 يىللىق كەسكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

غايىب بولغان ئوغلىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچمىگەن قەھرىمان ئانا- پاتىگۈل غۇلام يېقىندا سوتلىنىدىكەن

پاتىگۈل غۇلام-«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە غايىب بولغان ئوغلى ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش يولىدا ئېغىزى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن بىر قەھرىمان ئانا.

ئۇ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ تېلېفون زىيارىتىنى 2014-يىلى 15‏-ئاپرېلدا ئاخىرقى قېتىم قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ ساقچىلارنىڭ ئۆزىگە ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەنلىكىنى، چەتئەل تاراتقۇلىرىغا يەنە سۆزلىسە قولغا ئېلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن پاتىگۈل غۇلامنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇنىڭ قانداق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

يېقىندا پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى، 7-ئاپرېل كۈنى يېپىق ھالەتتە سوتلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

قەشقەرىيە خەلقىنىڭ بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى سۇلتانلىقىغا پۇل ئىئانە قىلغانلىقى ھەققىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر دىققەت قوزغىماقتا

ئوسمانلىلار بىلەن قەشقەرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەر ئوسمانلى-تۈركىستان مۇناسىۋەتلەر تارىخىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق سەھىپىلەرنىڭ بىرى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى» تەشكىلاتى نەشر قىلدۇرغان «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» سەرلەۋھىلىك ئارخىپلار توپلىمىدا ئوسمانلى سۇلتانلىقى بىلەن قەشقەرىيە خەلقىنىڭ غەيرىي-رەسمىي مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر تارىخىي ھۆججەتلەر دىققەت چېكىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەرىيە خەلقىنىڭ 1912- ۋە 1913‏-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە پۇل توپلاپ ئوسمانلى سۇلتانلىقىغا ئەۋەتكەنلىكىگە دائىر 3 پارچە ھۆججەت ئۇچرايدۇ. مەزكۇر ھۆججەتلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوسمانلى خەلىپىلىكىنى قوللاش يۈزىسىدىن جەمئىي 24 مىڭ 351 شىۋېتسارىيە فرانكىنى ئىئانە قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ ئوسمانلى-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل ناملاردىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتمەكتىكەن

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە نورۇز بايرىمى، چېچەك بايرىمى، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق تۈرلۈك ناملاردىكى ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتمەكتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس مەبلەغ ۋە ئادەم ئاجرىتىپ، نورۇز، چېچەك بايرىمى ۋە باشقا تۈرلۈك بايراملىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتىكەن. بۇ پائالىيەتلەرگە ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدىن ئارتىسلار تەكلىپ قىلىنىپ، يېزا، كەنتلەردە سەييارە ئويۇن كۆرسەتمەكتىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بىر قىسىم مەسچىتلەردە نورۇز ئېشى ئېتىلىپ، ئىماملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى تەكىتلەش، «تىنچ-ئاسايىشلىق زامان» نى قەدىرلەش، «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشەببۇسلىرى تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.