ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-مارتتىن 5-ئاپرېلغىچە)

0:00 / 0:00

دېھقانلارغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلى ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن

توققۇزتارا-چاپچال ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىدا تېرىلغۇ يېرى زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلار تۆلەم پۇلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئېرىشەلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانلارغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن، ياكى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن پۇلنىڭ ئىزى يوقىتىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان دېھقانلار ئاپتونوم رايونغا قەدەر بېرىپ ئەرز قىلغان، بىراق ئەرزىنى ھازىرغا قەدەر ئاقتۇرالمىغان.

دائىرىلەر بىر نەچچە يىل ئاۋۋال، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي، قاينۇق قاتارلىق يېزىلىرىدىكى سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توققۇزتارا ناھىيىسىدىن چاپچال ناھىيىسىگە قارىتىپ ئۆستەڭ چاپقان. بۇ جەرياندا قاينۇق يېزىسىدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا چىقىپ كەتكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار دېھقانلارغا مەلۇم مىقداردا تۆلەم پۇلى بەرگەن بولسىمۇ، تۆلەم پۇلىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى دېھقانلارنىڭ قولىغا تەگكەن.

قاينۇقلۇق بىر دېھقان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دېھقانلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

«تال سېۋەت» ناملىق رومان ئامېرىكىدا رەسمىي بازارغا سېلىندى

يازغۇچى جوساننې لاۋاللېي خانىمنىڭ «تال سېۋەت» ناملىق رومانى بۇ يىل مارتتا نەشردىن چىققان بولۇپ، 2-ئاپرېل نيۇ-يوركتا كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

لاۋاللېي خانىم تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا، كىتابنى نەشر قىلىشقا ياردەم بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە بىرمۇ-بىر رەھمەت ئېيتتى ۋە نۇتقىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇردى: كىتابىم ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئانا زېمىنىدا ھامان بىر كۈنى ھۆر ياشاش ئىرادىسىگە بېغىشلاندى.

روماندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتىلىش خەۋپىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن.

مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۇنداق بىر كىتاب يېزىلغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

بارىن قوزغىلىڭى خاتىرىلەندى

بۇ يىل 5-ئاپرېل 1990-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 23 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان ۋە گوللاندىيىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

قازاقىستاندىكى پائالىيەت 1-ئاپرېل ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە بارىن قوزغىلىڭى قۇربانلىرى خاتىرىلەندى. پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا 30‏-مارت شەنبە كۈنى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.

نيۇ-يوركتا ئۇيغۇرلارنىڭ مازار-ماشايىخلىرىغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلماقتا

نۆۋەتتە نيۇ-يوركتىكى «رۇبىن گۈزەل سەنئەت مۇزېيى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ مازار-ماشايىخلىرىغا ئائىت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلماقتا.

بۇ كۆرگەزمە نيۇ-يوركتا ياشايدىغان فوتوگراف لىسا رۇس ئۇيغۇر رايونىدىكى تارىخىي ۋە ھازىرقى زاراتگاھلاردىن تارتىپ ئەكەلگەن فوتو سۈرەتلەر ئاساسىدا ئېچىلغان. كۆرگەزمىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى» دەپ نام بېرىلگەن.

كۆرگەزمىگە بېرىلگەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكى، بۇ رايوندا زور مىقداردا تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

كۆرگەزمە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئېچىلىدىكەن.

ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئورۇن بېرىلدى

شۋېتسىيە ۋە فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ يىللىق يىغىلىشىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ يىل 31-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە پارىژدا چاقىرىلغان فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ 33-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى ياڭرىغان.

دوكتور ئابدۇللا ئالىمنىڭ ئەرەب تىلىدا سۆزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نۇتقى ھەمدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەزكۇر يىغىن ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان قىسقا فىلىمى يىغىن ئەھلى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

ئۇيغۇرلار 29-مارت شۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىۋېتسيە مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ بۇ يىللىق مۇھاكىمە مۇنبىرىگىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بىر قارارىدا ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى ۋە خىتاينىڭ بۇ مىللەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى تەنقىدلەندى.

مەزكۇر مەسىلە ياۋروپا پارلامېنتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ماقۇللىغان «ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت قارار» دا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قارارنىڭ 30-ماددىسىدا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» نامىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.