ھەپتىلىك خەۋەرلەر (1-ئاپرېلدىن 8-ئاپرېلغىچە)

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم ئەلمۇنېر فوندىنىڭ «ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەركىزى نيۇ-يوركتىكى «ئەلمۇنېر ۋەخپى» نىڭ «ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

31-مارت كۈنى «ئەلمۇنېر ۋەخپى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى مۇفتى مۇنېر ئەخمەت ئاخۇن ۋاشىنگتونغا كېلىپ، رابىيە قادىر خانىمغا مەزكۇر مۇكاپاتنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردى.

مۇفتى مۇنېر ئەھمەت ئاخۇن سۆز قىلىپ، «مەن ئۇيغۇر، تېگىم خوتەندىن، بۈگۈنكى ۋەتەنداشلار ھەم يۇرتداشلار ئۇچرىشىشىدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم...» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم «بۈگۈنكى بۇ مۇبارەك ئۇچرىشىشتىن مەن ئۇيغۇرۇمنىڭ مەيلى نەدە بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەيدىغان ۋەتەن سۆيگۈسىنى، يۇرت سۆيگۈسىنى ۋە مىللەت سۆيگۈسىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم» دېدى.

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2015‏-يىلى خىزمەت جەريانىدا ئۆلگەن ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربان» لارنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلدى

1-ئاپرېل كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا «بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز» دېگەن سەرلەۋھىدە ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قەھرىمانلار» نىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن جەمئىي 39 نەپەر ساقچى خىزمەت ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىلغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربان» لار تىزىمىگە كىرگۈزۈلگەن 39 نەپەر ساقچىدىن ئەخمەتنىياز توختىنىيازدىن باشقا ھېچقايسىنىڭ كىملىكى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى بىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە 33 نەپەر ساقچىدىن 17 نەپىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى «دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

2-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا قوشنا مارىيلاند شتاتىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت شۇنداقلا تۇنجى تۈرك ئىسلام ئورگىنى بولغان «دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەپىقىسى ئامىنە ئەردوغان خانىم بىلەن بىللە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە لېنتا كەستى.

ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ دىيانەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام مەركىزىدە تەلىم ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشتى ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ دىپلومىنى ئۆز قولى بىلەن تارقاتتى.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى «قۇلايلىق كارتىسى» نىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندا «يېشىل كارتىسى» نىڭ بۇ يىل 1‏-مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلىشىچە، «يېشىل كارت» نى بىكار قىلىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويىدىغان 20 تۈرلۈك چارە-تەدبىرىنىڭ بىرىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر يېزىلىق ساقچى پونكىتى «يېشىل كارتىسى» نىڭ 1‏-مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدىن «يېشىل كارت» نى بىكار قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چۈشكەن ئىكەن.

مەلۇمكى، «قۇلايلىق كارتىسى» ياكى «يېشىل كارت» دەپ نام بېرىلگەن، ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىش ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئېلىدە 2014‏-يىلى 5‏-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى قېچىش ھېكايىلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ھىجرەت قىلىش دولقۇنى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇ جەرياندا مۇشەققەتلىك ھىجرەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىتلارنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن بايانلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنتايىن قىيىن رېئاللىقنى ئېچىپ بەرمەكتە.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن بىر نەپەر شاھىت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تايلاندتىن مالايشىياغا، ئەڭ ئاخىرىدا مالايشىيادىن تۈركىيەگە كېلىشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھىجرەت سەپىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە ئۆلۈم جازاسى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 5-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ 2016-يىللىق «دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2015‏-يىلى ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردە كىشىنى «بىئارام قىلارلىق» دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2015‏-يىلى دۇنيا مىقياسىدىكى 90% ئۆلۈم جازاسى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن پاكىستاندا ئىجرا قىلىنغان ئىكەن. ھالبۇكى، خىتايدا 2015‏-يىلى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئادەم سانى مەزكۇر دوكلاتقا كىرگۈزۈلمىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدا 2015‏-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلار سانىنىڭ دۇنيادىكى ئومۇمىي ئۆلۈم جازاسى يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ئۆلۈم جازاسى قوللىنىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.