پىچاندا 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالا خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن
21-مارت پىچاندا 7 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالا بىر خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە پىچاننىڭ دىغار يېزا، كارىز كۆل كەنتىدە يۈز بەرگەن.
ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق بولغان: كەنتتىكى ئەھەد ئارىزنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى ئەنقەرجان شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككى دوستى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر خۇمداننىڭ يېنىغا ئوينىغىلى بارغان. بۇلارنى خۇمدانغا ئوغرىلىق قىلغىنى كەلدى، دەپ چۈشەنگەن بىر خىتاي ئىشچى ئەنقەرجاننى تۇتۇۋېلىپ، خۇمداننىڭ يېنىدىكى ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتكەن. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئەنقەرجاننىڭ دادىسى خۇمدانغا يېتىپ بارغىنىدا ئوغلى جان ئۈزۈپ بولغان ئىكەن.
دىغاردىكى بىر كەنت باشلىقى ۋەقەنى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىقتۇرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئەنقەرجاننىڭ جەسىتىنى غوۋغاسىز قويدۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ جىددىي ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ۋەقەنى لۈكچۈن يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سىياسىي كومىسسارى پەتتارجانمۇ دەلىللىدى.
ئۆلتۈرۈلگەن يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى
7 ياشلىق ئەنقەرجان خىتاي ئىشچى تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خۇمدان ئەتراپىدىكى خىتاي ئائىلىلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى چېقىلغان. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، رايونغا ھەربىي ئەۋەتكەن ۋە خۇمدانغا ھۇجۇم قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان.
21- مارت كەچقۇرۇن ئەنقەرەجاننىڭ جەسىتىنى كۆرگەن يۇرتداشلار غەزەپكە كەلگەن ۋە جەسەتنى ئۈرۈمچى دۆڭ بازارغا ئېلىپ چىقىپ نامايىش قىلىشقا ماڭغان. ھالبۇكى، شۇ كەنتتىكى دىنىي زات - ئىسلام جەمئىيىتى ئەزاسى ئابدۇللا نۇرھاجى نامايىشقا ماڭغانلارغا يىغلاپ يالۋۇرۇپ ئۇلارىنى رايىدىن ياندۇرغان.
ئۇنتۇلماس تارىخ مىللىي ئارمىيىنىڭ شانلىق مۇساپىسى
بۇ يىل 8- ئاپرېل 1945-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 68 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن بۇ كۈننى خاتىرىلىدى ۋە ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
1945- يىلى، باھاردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقىتىشنى قارار قىلغان. مەزكۇر قاراردىن كېيىن ھەربىي ئىشلار قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، قۇدرەتلىك مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغان.
نەتىجىدە 1945-يىلى 8-ئاپرېل غۇلجا شەھىرىدىكى ۋاڭ قادىر بېغىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلانغان ھەمدە ھەر قايسى پولكلارغا بايراق تاپشۇرۇلغان ئىدى.
مىللىي ئارمىيە ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ، جىڭ، شىخۇ، ئالتاي، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىك جەڭلەرنى قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلغان.
مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى 12-ئايدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە ئىككى دېۋىزىيەگە ئايرىلىپ، كېيىن پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
ۋەھالەنكى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى يېقىنى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى شانلىق سەھىپىلەردىن بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەنمەكتە.
«بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 23 يىللىقى خاتىرىلەندى
«بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 23 يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نامايىش، يىغىلىش شەكىللىرىدە خاتىرىلەندى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئالار ئوقۇلدى.
«بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5- ئاپرېل تۈركىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ئىستانبۇلدىكى تاكسىم مەيدانىدا «بارىن ئىنقىلابى» غا ئالاقىدار تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىلدى.
«بارىن ئىنقىلابى» نىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 6 -ئاپرېل شەنبە گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىككە چاقىرىلدى. خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى يەنە بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى، ئاۋسترالىيە، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
1990-يىلى 5- ئاپرېل بارىندا ئۇيغۇرلار تەشكىللىنىپ خىتاي ئارمىيەسىگە قاقشاتقۇچ زەرب بەرگەن. گەرچە بۇ ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يولىدىكى مۇھىم ئىنقىلابلارنىڭ بىرى سۈتىدە ئەسلەنمەكت.
تاۋيۈەنلىك 153 نەپەر ئۇيغۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ دىنىي-ئىسلامغا قايتىپ كەلدى
«ئۇيغۇربىز» تۈرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئاپرېل كۈنى تاۋيۈەن ناھىيەسى فېڭشۇ ئۇيغۇر يېزىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئىسلامغا قايتىپ كەلگەن. مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت سوراپ كېلىۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر تۈركۈم كىشىنىڭ كوللېكتىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھىدايەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدۇر.
خۇنەننىڭ چاڭدې شەھرى تاۋيۈەن ناھىيەسى فېڭشۇ ئۇيغۇر يېزىسىدىكى مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي مۇراسىمدا موڭغۇللار دەۋرى ۋە خىتاينىڭ مىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەزكۇر يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق 153 كىشى كوللېكتىپ ئىمان ئېيتقان. مەزكۇر پائالىيەتنى تاۋيۈەن ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دىنىي ئېتىقاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر.
خوتەندە 600 مو يەر زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنغان
خوتەن شەھەر لاسكۇي يېزا ئاقتاش كەنتىدىكى 70-80 ئۆيلۈك دېھقاننىڭ 600 مو تېرىلغۇ يېرى مەجبۇرى تارتىۋېلىنغان.
ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان مەتتوختى ئىمىن قاتارلىق ئۈچ كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يەپلا قالماي، بەلكى تۇتۇپ كېتىلگەن.
ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 10 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، تۇتۇپ كېتىلگەنلەردىن تېخىچە خەۋەر يوقلۇقى مەلۇم.
خوتەن شەھەرلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاقتاش كەنتىدىكى يەرلەرنىڭ يېزىلىق پارتىكوم سېكرېتارى خۇ جيەنخۇانىڭ بۇيرۇقى بىلەن تارتىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
