خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلغان
خوڭكوڭدىكى «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق-دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» 10-ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش مۇكاپاتى تەسىس قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسىدە، تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە قاراپ 5 مىليون يۈەنگە قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ئامانلىق خادىملىرى بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ «يەمچۈك» تاشلاپ خەلقنى «چېقىم» غا دەۋەت قىلىشىنىڭ يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاتۇشتىكى يەرلىك دائىرىلەر پاسپورت بېرىلىشتە 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
يېقىندا رادىئومىزغا يوللانغان بىر ئۇچۇردا ئاتۇشتىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پاسپورت ئىشلەشتە 3 ئەۋلاد سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئەگەردە ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەرقانداق بىرىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا پاسپورت بېرىلمەيۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، كەنت كادىرلىرى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاتۇشنىڭ يۇقىرى ئىشتاچى كەنتىدە يېقىندىن بۇيان 280 دانە پاسپورت يىغىلىۋېلىنغان ئىكەن. ئەگەردە پاسپورت ئىگىلىرى يىغىۋېلىنغان پاسپورتىنى قايتا ئالىمەن دېسە، ئائىلىسىدىكى 3 ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدا ھېچقانداق سىياسىي مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولۇش شەرت ئىكەن.
ئۇيغۇر ساقچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلارنىڭ مائاش ۋە قوشۇمچە تەمىناتىدىكى زور پەرق ئاشكارىلاندى
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ زور ساندا ياردەمچى ساقچى ۋە ئامانلىق خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 31-مارت كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 600 نەپەر خىتاي ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا 9 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئايلىق مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ياردەمچى ساقچىلار ئېغىر دەرىجىدىكى خىزمەت بېسىمى، دەم ئالالماسلىق ۋە تۆۋەن مائاش-تەمىناتىدىن شىكايەت قىلدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 1 مىڭ 300 يۈەندىن 2 مىڭ 500 يۈەنگىچە بولۇپ، ئۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ 9 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن سېلىشتۇرغاندا غايەت زور پەرق مەۋجۇتكەن.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوزغىغان «ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» ھەرىكىتى يەنە ئىككى ئاي داۋام قىلىدىكەن
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قوزغىغان «ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» ھەرىكىتىنىڭ يەنە ئىككى ئايغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى ئاھالىلەر ئۆيلىرىدە ساقلاۋاتقان ئاتالمىش «قانۇنسىز بۇيۇم» لارنى تاپشۇرۇشقا قىستالسا، بەزى جايلاردىكى دېھقانلار ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە ياتىدىغان «مەسىلە» لىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانماقتىكەن.
ئاتۇشنىڭ ئېكساق ساقچىخانىسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر دېھقان ياش «ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» ھەرىكىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرامەت تۇرسۇننىڭ خىتاي ساقچى يېتەكچىسى ۋېي يۈەنخوڭ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى
يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئەرزىمىگەن سەۋەبلەر بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
«ئۇيغۇر نىداسى» تور رادىئوسى پوسكام ناھىيە ئىككىسۇ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ياش تۇرامەت تۇرسۇننىڭ 2014-يىلى 8-ئايدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا پوسكامنىڭ ئىككىسۇ يېزىسى تاغارچى كەنتىدىكى تۇرامەت تۇرسۇننىڭ شۇ يىلى، شۇ ئايدا خىتاي ساقچى ۋېي يۈەنخوڭ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋېي يۈەنخوڭ نۆۋەتتە ئىككىسۇ ساقچىخانىسىدا سىياسىي يېتەكچى بولۇپ ئىشلىمەكتىكەن.
«جېلىل مەتنىياز ۋەقەسى» خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىدىن 97 نەپەر يەرلىك ئەمەلدارنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «مەيدانى مۈجمەل» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان بىرمۇنچە كادىر بار.
جازالانغانلار ئىچىدە خوتەن ناھىيەسى ئازنابازار كەنتىنىڭ سېكرېتارى جېلىل مەتنىيازنىڭ «دىنىي ئۆلىمالار ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغان،» دېگەن سەۋەب بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ خىتاينىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.