ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە)

0:00 / 0:00

ئۈچ ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا كۆرسەتكەن قارشىلىقى مۇنازىرە قوزغىدى

ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان 3 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىشى پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە خىتاي ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە يۈز بەرگەن. نەق مەيداندىن سىنغا ئېلىۋېلىنغان مەزكۇر كۆرۈنۈشتە 3 ياشلىق ئۇيغۇر گۆدەكنىڭ ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى بۇزۇشقا كەلگەن خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، قورقۇمسىزلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سىڭلىسى بىلەن ئانىسىنى قوغدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. قىسقىغىنە بىرقانچە كۈندە كۆرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە مىليون كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. دۇنيادىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار ۋە تور بەتلەردە بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ۋە ئانالىزلار بېرىلگەن.

خىتاينىڭ 2015-يىللىق «ئىنقىلابىي قۇربانلار» تىزىملىكى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن

بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 2015-يىللىق «ئىنقىلابىي قۇربانلار» تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر تىزىملىكتىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن رادىئومىز ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئاشكارىلانمىغان قىسىملىرى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولمىغان بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى پاش بولدى.

ھالبۇكى، ئارىدىن 18 كۈن ئۆتكەندە مەزكۇر تىزىملىك خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىن تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر تىزىملىكنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تورىدىن ئۆچۈرۈلۈشىنىڭ مەلۇم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

خوتەن ۋىلايىتىدە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش داۋاملاشماقتىكەن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامراتلار سانى 700 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىلايەت بويىچە 244 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرۇش نىشان قىلىنماقتىكەن.

دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «يېزا-كەنتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش» نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچى» سۈپىتىدە يولغا قويۇلماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش تەدبىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئۆز تۇپرىقىدىن ئايرىپ، ئېرىتىپ تۈگىتىشتەك سىياسىي تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر، دەپ قارىماقتا.

نەزەرباغ دېھقانلىرىنىڭ ۋەكىلى تۇرغۇن مامۇتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئۇيغۇر ئەرزدارلارلىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئاشكارا قىلماقتا

قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 2002-يىلى 5000 مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردا نەزەرباغ يېزىسىنىڭ يۇقىرىقى قازرىق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ 2500 موغا يېقىن تېرىلغۇ يېرىنىڭ قەشقەردىكى شېنجېن تەرەققىيات رايونىغا سېتىۋېتىلىشى تېخىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، نەزەرباغدىكى دېھقانلار ۋەكىللىرىدىن تۇرغۇن مامۇت ئالدىنقى يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ نەزەرباغ ساقچىخانىسىغا قامالغان. ھالبۇكى، تۇرغۇن مامۇت سالامەتلىكى تۈپەيلى رېجىمگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزاق ئۆتمەيلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئونسۇ چاغراقنىڭ بىر كەنتىدە ھەر بەش كىشىدىن بىرىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە چاغراق يېزىسىدىكى ئابدۇراخمان قارى ئىسىملىك بىر ئىمامنىڭ قىزىنىڭ تويىدا مېھمانلارغا ھاراق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىللىق قاماققا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

رادىيومىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق كەنتىگە تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ۋەقەنى دەلىللەشكە تىرىشتى.

ھالبۇكى، بۇ جەرياندا چاغراق كەنتىدىن ئۆتكەن ئىككى يىلدا 15 كىشىنىڭ سىياسىي سەۋەب بىلەن قاماققا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تۇغقانلىرى بولۇپ 289 كىشىنىڭ نۆۋەتتە قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

تۇرپان شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىغان

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئاپرېل تۇرپان شەھىرىدىكى تاكسى شوپۇرلىرى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلىغان ۋە شەھەر رايونىدا قاتناش بىر مەھەل توسۇلۇپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى تۇرپان شەھىرىدىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە يول يۈرۈش قىيىنلاشقان. ھالبۇكى، دائىرىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئاللىقاچان ئاشكارا بولغان بۇ ئىش تاشلاش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاندىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. يەرلىكتىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىغا دائىرىلەرنىڭ نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.