مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشماقتا
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى ئەڭ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن فوتو سۈرەتلەردىن بىرى 2017-يىلى ئاپرېلدا لوپ ناھىيەسىدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىدە تارتىلغان ئىدى.
يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بۇ سۈرەتتىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغانلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ سۈرەتتىكى كىشىلەردىن داڭلىق ياغاچچى ئابدۇللا خارەت، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن، كارخانىچى ئېزىز ھاجى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالى ئايدىڭلاشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئايدىڭلىشىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يالغانلىرى يەنە بىر قېتىم بەربات بولدى.
كېرىيە ھېيتگاھ جاماسىنىڭ چېقىلىش ئەھۋالى ئايدىڭلاشتى
800 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھېيتگاھ جاماسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان مەسچىت چېقىش دولقۇنىدا چېقىلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
يېقىندا بۇ جامەنىڭ ئاساسىي زالىنىڭ ساق ئىكەنلىكى، پەقەت ئۇنىڭ 1990-يىللىرىدا قايتا سېلىنغان شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەر زور بىر قىسمى چېقىپ تاشلانغان بولۇپ، شىمالىي دەرۋازىسى چېقىۋېتىلگەن كېرىيە جاماسى 1999-يىلى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن.
تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى قايتا تۈزگۈچىلەردىن كامىل رەھىم تۇتقۇن قىلىنغان
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇندا بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» نى قايتا تۈزۈشكە باغلىنىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئۈرۈمچى چوڭلار ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى كامىل رېھىمنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، كامىل رېھىم دەسلەپ «ئۆگىنىش» كە ئېلىپ كېتىلگەن، 2018-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا تۈرمىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
«تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، كامىل رېھىمنىڭ قانداق جازاغا مەھكۇم بولغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىش چاقىرىقى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى
يېقىندا خىتاينىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنىشكە دەۋەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ئېلانلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقتى
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ لاگېرلارغا كۆپلەپ قامىلىشى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھىمايىسىز قالغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن لايىق چاقىرىشى ھەمدە بۇنىڭدىكى مەقسەتلەر ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ چەرچەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تويلاشقان خىتايلارغا ماددىي مۇكاپات بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار «بۇ شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان ‹مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئالغا سۈرۈش» تەدبىرىنىڭ جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.
ئۇيغۇرلار ئاچقان شەخسىي كىتابخانىلار پېچەتلەنمەكتە
يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەخسىي كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بىر قىسىم كىتابخانىلارغا پېچەت سېلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىتابخانا ئىگىلىرى مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
يېقىندا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دېيۋىد دېتمەن قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم شەخسىي كىتابخانىلارنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى.
ئانالىزچىلارنىڭ پىكرىچە، شەخسىي كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىشى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىتىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدىكەن.
ئەزىز نۇرۇموۋ خەلقئارالىق جيۇجىتسۇ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەزىز نۇرۇموۋ يېقىندا ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جيۇجىتسۇ مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم شەرەپ كەلتۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەزىز نۇرۇمۇۋ 1984-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشكەن ئىكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان بىر قىسىم ياشلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەنھەرىكەتنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00