شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى 2-مايدىن 8-مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر ھەپتە داۋام قىلىدۇ
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىنى بېكىتىلىپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋاشىنگتونغا كېلىشكە باشلىدى.
مەزكۇر يىغىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
يىغىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە تور تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىنماقچى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك كېڭەشتىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالدى.
پاكىستانلىق ئۇيغۇر ئايالنىڭ، يۇرتى كورلىغا قايتقاندىن كېيىنكى ئەھۋالى
بىر پاكىستانلىققا توي قىلىش بىلەن بىر قاتار ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇققان ئۇيغۇر ئايال ئاسىيە قۇربان، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن.
ئاسىيە قۇربان ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى يۇرتى كورلىغا قايتىپ بارغاندا، پاكىستانلىق يولدىشىنىڭ خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ 14 يىل كېسىلگەنلىكىنى ئۇققان. ئۆزى چوڭ بولغان ئۇيغۇر مەھەللىسىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.
ئائىلىسىدىكى 6 قېرىندىشى تىرىكچىلىك ئۈچۈن كورلىنى تاشلاپ باشقا شەھەرلەرگە كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچىسى قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەن ھايات كەچۈرىدىكەن. ئاسىيە نۆۋەتتە 4 بالىسى بىلەن ئەنە ئاشۇ قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەن ياشاۋاتقان ئاچىسىنىڭ ھىمايىسىدە ياشىماقتا.
ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنقەرە ياقاجىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى «شەرقىي تۈركىستاندىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2-يىللىقىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن. پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى ۋەزىيەت بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلىشتى.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
كىتابتا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى تېررورلۇققا باغلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
يەكەندە ساقچىخانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ قېيىن ئاتىسى توختى ھوشۇر داۋاسىنى داۋاملاشتۇرماقتا
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەمەتتۇرسۇن تاش 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەكەن ناھىيىسى گۈلباغ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مەمەتتۇرسۇننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان خىتاي ساقچىلارنى قانۇنىي جازا تارتمىغاننىڭ ئۈستىگە، مەمەتتۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان تۆلەم پۇلىنىمۇ تولۇق بەرمىگەن.
مەمەتتۇرسۇن تاشنىڭ قېيىنى ئاتىسى توختى ھوشۇر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خۇن داۋاسىنى نەتىجىگە ئېرىشكىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان بۇ يىللىق دوكلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ 2010-يىلدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلگەن.
خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010-يىلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقىنى، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قەشقەردە خەتمە قۇرئان پائالىيىتى ئامانلىق خادىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە
قەشقەردە ئاھالىلەر خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈشتە، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن رۇخسەت ئېلىشتىن باشقا يەنە، خەتمە قۇرئان قىلىش ئۈچۈن بىر ئامانلىق خادىمىنىڭ سورۇندا ھازىر بولۇشى شەرت قىلىنماقتا.
قەشقەردىكى ئاھالىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇشتا بەزى دىنىي قائىدە ۋە ئەھكاملارنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
بىز بۇنى دەلىللەش ئۈچۈن قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىگە تېلېفون قىلدۇق. مەسچىت ھەيئەتلىرىدىن بىرى يۇقىرىقى ئىنكاسنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقتىن ئەركىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەت ئۆمىكىدىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىن، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىدىن 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرمىگە تاشلانغانلار مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىش ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.