ھەپتىلىك خەۋەرلەر (28-ئاپرېلدىن 4-مايغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قەشقەردىكى قەسىر مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

رادىيومىزنىڭ ئالدىنقى ئايلاردىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەردىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا ياكى تۈرمىلەردە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر دۆلەتباغ يېزىلىق ساقچى خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا قەشقەردىكى «قەسىر مېھمانخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭمۇ «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ئوبۇلقاسىم ھاجىم بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى ھەج تاۋابىتىنى بەجا كەلتۈرگەن ئىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەج سەپىرى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

مىسىردىن غايىب بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

2017-يىلى يازدىن باشلاپ خىتاي بىلەن مىسىر ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار غايىب بولغان ئىدى. ئۇلاردىن ئاز بىر قىسمىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش مۇمكىن بولمىدى.

يېقىندا رادىيومىز بىلەن ئالاقە قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىز ئۆزىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان يېقىن دوستى قەيسەر ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن ئېتىبارەن غايىب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قەيسەر ئابدۇللا بۇ يىل 23 ياشتا بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن. ئەمما 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا مىسىردا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

دولقۇن ئەيسا: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى»


4-ئاينىڭ 27-كۈنى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «بەش مىڭ كىشىلىك زور نامايىشى» غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ قېتىملىق نامايىش ھەققىدە خۇلاسە چىقاردى.

29-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ميۇنخېندىكى خىزمەت بىناسىغا يىغىلىپ، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ جەريانى، تەشكىللىنىش ئەھۋالى، ئۈنۈم ۋە تەسىرى شۇنداقلا بىر قىسىم تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا قاراپ چىقتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىملىق نامايىش ھەققىدە خۇلاسە سۆزى سۆزلەپ، «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى،» دېدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا «يېپىق لاگېر» لاردىن باشقا «ئوچۇق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلاندى

رادىيومىزنىڭ قەشقەردىكى ساقچى خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا قەشقەر شەھىرىدە «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىن باشقا ئوردا ئالدى دېگەن جايدا بىر «ئوچۇق تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاغزاكى تىلدا «كامپا» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ «لاگېر» لارغا ئاتالمىش «جىنايىتى» يېنىك بولغانلار قامىلىدىكەن. بۇ يەرگە قامالغانلار «يېپىق لاگېر» لاردىن پەرقلىق ھالدا ھەر كۈنى چۈشتە ۋە كەچتە ئۆيىگە قايتالايدىكەن.

رادىيومىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا بۇ خىل «ئوچۇق تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ تومئۆستەڭ يېزىسىدىمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ يەرگە قامالغانلار خىتاي تىلى بىلەن خىتاي دۆلەت شېئىرىنى مەجبۇرىي ئۆگىنىدىكەن.

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلھام توختى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ 2018-يىللىق نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتى بۇلتۇر 9-ئايدا باشلانغان ئىكەن.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» دىكى خادىملاردىن مارى ھولىزمان خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش خىزمىتىنى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» بىلەن «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىكەن.

ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى 70 يىللىق قۇرغاقچىلىقنى قانداق يەڭگەن؟


ئامېرىكىنىڭ گېئولوگىيە، تۇپراق ۋە غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملىرى موڭغولىيەنىڭ ئورقۇن دەرياسى ۋادىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىلمىي بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ «ئانتروپولوگىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ئىلمىي دوكلاتتا بۇ رايوندىكى ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ئۇزۇن قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە يۈز بەرگەنلىكى، ئەمما ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 70 يىل داۋاملاشقان بۇ قۇرغاقچىلىقنى ماھىرلىق بىلەن يەڭگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ بايقاش ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ، دېدى.

تولۇق بەت